باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچىدە 489 مەمۇر قوشۇمچە ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى

2015.02.02 13:13         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياڭ يىڭچۈننىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرى شەھەرگە قاراشلىق 188 ئىجتىمائىي تەشكىلاتنى تەرتىپكە سېلىپ، ھازىرغىچە 16 ئىجتىمائىي تەشكىلاتنى رويخەتتىن ئۆچۈرگەن، بەش ئىجتىمائىي تەشكىلاتنى بىرلەشتۈرۈپ، 489 مەمۇرنى قوشۇمچە ۋەزىپىگە تەكلىپ قىلىشتىن توختاتقان.

  ئاپتونوم رايون بۇلتۇر 10 - ئاينىڭ ئاخىرى ‹‹ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى قۇرغان ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنى رەتلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش››نى تارقاتقاندىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى بىلەن شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى بىرلىكتە شەھەرگە قاراشلىق ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنى رەتلەش ۋە بىرلەشتۈرۈش خىزمىتىنى ئىشلەپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئەنگە ئېلىنغان 188 ئىجتىمائىي تەشكىلاتنى رەتلىدى.

  مەركەز ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ئۆزلىرىنىڭ خىزمىتىگە مۇناسىۋەتلىك ھەم پۇقرالار باشقۇرسا بولمايدىغان ئىلمىي جەمئىيەت، مۇھاكىمە يىغىنى، ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى قاتارلىق ئىجتىمائىي تەشكىلاتلاردىن پەقەت بىرنىلا قۇرسا ياكى باشقۇرسا بولىدۇ، دېگەن تەلىپىگە ئاساسەن، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى نىشانى يېقىن، كەسپى ئوخشاش ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنى بىرلەشتۈردى. يىللاردىن بۇيان ھېچقانداق پائالىيەت ئېلىپ بارمىغان، رولىنى جارى قىلدۇرمىغان ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنى رويخەتتىن ئۆچۈردى، كەسپىي ئۇيۇشما، سودا ئۇيۇشمىلىرىدىكى قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەمۇرلارنى تەكلىپ قىلىشتىن توختاتتى.

  تەرتىپكە سېلىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى گوۋۇيۈەننىڭ ‹‹ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنى تىزىملاپ باشقۇرۇش نىزامى››غا ئاساسەن، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنى باشقۇرىدىغان ئورگان بىلەن بىللە، بىرلەشتۈرۈلگەن ۋە قىسقارتىلغان 21 ئىجتىمائىي تەشكىلاتنى رويخەتتىن ئۆچۈرىدۇ ھەم ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئېلان قىلىدۇ، شەھەرلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ ھۆججىتىگە ئاساسەن، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلاردا قوشۇمچە مەمۇرىي ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەمۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي تەشكىلاتتىكى ئارخىپىنى ئۆچۈرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر