باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ ۋاللېس بىلەن بىرلىكتە مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشتى

2015.01.30 15:15         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 29-يانۋار چۈشتىن كېيىن زىيارەتكە كەلگەن فىرانسىيە زۇڭلىسى ۋاللېس بىلەن بىرلىكتە مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشكەندە، مالايسىيانىڭ مالايسىيا ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ MH370 قېتىملىق يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ ھادىسىگە ئۇچرىغانلىقىنى جاكارلىغانلىقى توغرىسىدا سۆھبەت بايان قىلدى. لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى ئايروپىلاندىكى 154 جۇڭگولۇق يولۇچى ۋە تۆت فىرانسىيەلىك يولۇچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئايروپىلاندىكى بارلىق كىشىلەرنىڭ بەختسىزلىككە ئۇچرىغانلىقىدىن چوڭقۇر ئازابلىنىدۇ، يولۇچىلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىگە چوڭقۇر ھېسداشلىق قىلىدۇ ۋە ئۇلاردىن ھال سورايدۇ، ھەر بىر بەختسىزلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئائىلىسى ۋە كۆپچىلىككە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ بىر ئېغىر كۈن ھېسابلىنىدۇ. لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: يېقىنقى بىر يىلدىن بۇيان، جۇڭگو ھۆكۈمىتى مۇناسىۋەتلىك دۆلەت ۋە خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە ئىزدەش، تەكشۈرۈش خىزمىتى، جۇڭگولۇق يولۇچىلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىگە تەسەللىي بېرىش ۋە مۇلازىمەت قىلىش جەھەتتە ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسەتتى. كېلەر قەدەمدە جۇڭگو ھۆكۈمىتى داۋاملىق پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشنى، مالايسىيا تەرەپنىڭمۇ ۋەدىسىدە تۈرۈپ، ۋەقەنى تەكشۈرۈش، تۆلەم بېرىش، ئائىلە تەۋەلىرىدىن خەۋەر ئىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىنى، بولۇپمۇ داۋاملىق تۈرلۈك چارىلەر بىلەن ئايروپىلان ۋە يولۇچىلارنىڭ ئىز-دىرىكىنى قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر