باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ئاخىرقى چەكنى چوقۇم ياخشى ساقلىشى كېرەك

2015.01.30 17:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى يۈەن گۈيرېن 29-يانۋار مائارىپ مىنىستىرلىقىدا «يېڭى ۋەزىيەتتە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تەشۋىقات-ئىدىيە خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى پىكرى»نىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش سۆھبەت يىغىنىدا مۇنداق دېدى: ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى سىياسىي ئاخىرقى چەك، قانۇن ئاخىرقى چېكى، ئەخلاق ئاخىرقى چېكىنى چوقۇم ياخشى ساقلىشى كېرەك. يۈەن گۈيرېن مۇنداق دېدى: «پىكىر»نى ئىزچىللاشتۇرۇشتا ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىدېئولوگىيە ئىستىھكامىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش بولۇپمۇ دەرسلىك قۇرۇلۇشى ۋە دەرسخانىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. غەربنىڭ ئەسلىي دەرسلىكىنى ئىشلىتىشنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، غەربنىڭ قىممەت قارىشىنى تارقىتىدىغان دەرسلىكنىڭ دەرسخانىغا كىرىشىگە قەتئىي يول قويماسلىق؛ پارتىيەنىڭ رەھبەرلىرىگە زەربە بېرىدىغان، بوھتان چاپلايدىغان، سوتسىيالىزمنى قارىلايدىغان گەپ-سۆزلەرنىڭ ئالىي مەكتەپ دەرسخانىسىدا بولۇشىغا قەتئىي يول قويماسلىق؛ ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارغا قارشى چىقىدىغان گەپ-سۆزلەرنىڭ دەرىسخانىدا تارقىلىشىغا قەتئىي يول قويماسلىق؛ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرىسخانىدا قۇرۇق گەپ قىلىپ، خاپىلىقىنى چىقىرىپ، ناچار كەيپىياتنى ئوقۇغۇچىلارغا يەتكۈزۈشكە قەتئىي يول قويماسلىق كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر