باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى شەھىرى 1-سەپتىكى قار تازىلاش خىزمەتچىلىرىگە 700 مىڭ يۈەن مۇكاپات بەردى

2015.01.30 17:03         مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  27-يانۋار مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك قار-مۇزلارنى تازىلاش خىزمىتى قوماندانلىق ئورنىدىن ئىگىلىشىچە، ئۈرۈمچىدە 24-يانۋاردىن باشلاپ ئۇدا 70 نەچچە سائەت قار يېغىپ ، 1-سەپتىكى مۇھىت ئاسراش ئىشچلىرى بىلەن قار تازىلاش ماشىنىلىرىنى ھەيدەيدىغان خادىملارنىڭ خىزمەت نورمىسى زىيادە ئېشىپ كەتكەن . شەھەرلىك پارتكوم ۋە شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ قار تازىلاش خىزمىتىگە قويغان ‹‹قار ياغقان ھامان تازىلاش، توختىغان ھامان يوللار پاكىز بولۇش›› تەلىپىگە ئاساسەن، شەھەر بويىچە 1500 دانە قار تازىلاش ماشىنىسى ئىشقا سېلىنىپ ، 24 مىڭ مۇھىت ئاسراش ئىشچىسى ۋە 26 مىڭدىن ئارتۇق كوچا ئىش باشقارمىسى خىزمەتچىسى يوللارغا چىقىپ قار تازىلاپ، يولنىڭ پاكىزلىقى، قاتناشنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىنغان .

  ئارىلىقتا ئۈرۈمچى شەھەرلىك مۇھىتنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى يۇقىرىقى خىزمەتلەرنىڭ ئىشلىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ نازارەت قىلىپ، قار ئەڭ بالدۇر تازىلانغان يول بۆلەكلىرىگە مەسئۇل بولغان ماشىنا مەشغۇلات گۇرۇپپىسى، تازىلاش گۇرۇپپىسى ۋە 1-سەپتە قاتناشقا قوماندانلىق قىلىپ، قار تازىلاش خىزمىتىگە ماسلاشقان قاتناش ساقچىلىرىغا جەمئىي 700 مىڭ يۈەن مۇكاپات بەرگەن . تەڭرىتاغ رايونى، سايباغ رايونى، يۇقىرى پەن-تېخنىكا رايونى(يېڭىشەھەر رايونى)، بۇلاقتاغ رايونى، ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى)، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول باشقۇرۇش مەركىزى، قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى قاتارلىقلارنىڭ ھەر بىرى 100 مىڭ يۈەندىن مۇكاپات ئالغان.

  زىيارەت جەريانىدا تاكسى شوپۇرى لى يوۋگاڭ مۇخبىرغا ئۆزىنىڭ پۈتۈن بىر كېچە دۆڭكۆۋرۈك، بېيجىڭ يولى، شەرقىي ئايلانما يولى قاتارلىق جايلار ئارىلىقىدا يولۇچى توشۇغانلىقىنى، ھەممىلا يەردە قار تازىلاش ماشىنىلىرى ۋە مۇھىت ئاسراش ئىشچىلىرىنىڭ قار تازىلاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ناھايىتى تەسىرلەنگەنلىكىنى ئېيتقان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر