باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ۋاڭ ياڭ يېزا ياشلىرىنى ئاكتىپ ئىگىلىك تىكلەشكە ئىلھاملاندۇردى

2015.01.30 15:17         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ۋاڭ ياڭ تۈنۈگۈن پۈتۈن مەملىكەتتىكى يېزا ياشلىرىنىڭ بېيىش باشلامچىلىرى، پۈتۈن مەملىكەت يېزىلىرىدىكى ياخشى ياشلارنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېزا ياشلىرى-دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە جەمئىيەتنىڭ يۈكسىلىشىگە تۈرتكە بولۇشتىكى ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان بىر مۇھىم كۈچ، يېزا ياشلىرى مەجبۇرىيىتىنى ئېسىدە چىڭ ساقلاپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكنىڭ باشلامچىلىرىدىن بولۇپ، سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇشتىكى ئۈلگىلەرگە ئايلىنىپ، يېزا مەدەنىيىتىنىڭ يېڭى قىياپىتىنىڭ يول ئاچقۇچىلىرىغا ئايلىنىشى كېرەك.

  ۋاڭ ياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېزا ياشلىرى دادىل ئىگىلىك تىكلەپ ۋە يېڭىلىق يارىتىپ، ئىنتېر تورى قاتارلىق يېڭى پەن-تېخنىكىلارنى ئاكتىپ قوللىنىپ، يېڭىچە ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، يېڭىچە كەسىپ ھالىتىگە كىرىپ، يېڭىچە تىجارەت ئەندىزىسىنى كېڭەيتىشى؛ سۈپەتلىك مەھسۇلات يارىتىشقا كۈچەپ، ئالاھىدە ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانى، دېھقانلار كوپىراتىپى، يېزا ئىگىلىك باشلامچى كارخانىسى قاتارلىقلارنى پائال قۇرۇپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرى، قىممەت زەنجىرى قاتارلىق زامانىۋى كەسپىي تەرەققىيات قارىشى ۋە تەشكىللەش ئۇسۇلىنى يېزا ئىگىلىكىگە كىرگۈزۈپ، سۈپەتلىك، بىخەتەر يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىپ، ياخشى نەتىجىنى تېرىشىپ يارىتىشى؛ ئۆگىنىش، بىلىمغا ئىنتىلىشنى كۈچەيتىپ، يانچۇقى ھەم مېڭىسىنىمۇ بېيىتىپ، كۆز قارىشى يېڭى، نەزەر دائىرىسى كەڭ، ئىقتىدارى كۈچلۈك، تىجارەتكە ماھىر بىر ئەۋلاد يېڭىچە دېھقانلاردىن بولۇپ، گۈزەل يېڭى يېزا قۇرۇپ، گۈزەل يېڭى تۇرمۇش يارىتىشى كېرەك. يەرلىكتىكى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر يېزا ياشلىرىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش، ھۈنەر ئىگىلىشىگە ئىلھام بېرىدىغان ۋە قوللايدىغان ياخشى مۇھىت يارىتىپ بېرىشى لازىم.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر