باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو پەنلەر ئاكادىمىيسىنىڭ 27 نەپەر ئىدارە بۆلۈم دەرىجىلكتىن يۇقىرى كادىرى قائىدىگە خىلاپ تۇلۇقلىما ئالغانلىقتىن تەكشۈرۈلدى

2015.01.30 17:45        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو پەنلەر ئاكادىمىيسى بۈگۈن ئۆزىنىڭ ئورگان تورىدا «ج ك پ جۇڭگو پەنلەر ئاكادىمىيسى پارتىيە گۇرۇپپىسى مەركەز مەخسۇس تۈرلۈك تەكشۈرۈش ئۆزگەرتىش ئەھۋالىنىڭ ئومۇمىي ئۇقتۇرشى»نى ئېلان قىلدى. ئۇقتۇرۇشتا كۆرسىتىلىشچە جۇڭگو پەنلەر ئاكادىمىيسىدىكى 27 نەپەر ئىدارە بۆلۈم دەرىجىلكتىن يۇقىرى كادىر قائىدىگە خىلاپ تۇلۇقلىما ئالغانلىقتىن تەكشۈرۈلگەن، قائىدىگە خىلاپ ئېرىشكەنلىرى تولۇق قايتۇرۇلۇپ، 3 ئادەمگە دېلو تۇرغۇزۇلۇپ تەكشۈرۈلگەن.

  ئۇقتۇرۇشتا كۆرسىتىلىشچە، مەركەزنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرىشىغا ئاساسەن، 2014-يىلى 31- ئىيۇلدىن 5 سىنتەبىرگىچە، مەركىزى 10- سەييارە كۆزىتىش گۇرۇپپىسى جۇڭگو پەنلەر ئاكادىمىيسىگە مەخسۇس تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، 11- ئاينىڭ 3 –كۈنى جۇڭگو پەنلەر ئاكادىمىيسى پارتىيە گۇرۇپپىسىغا تەكشۈرۈش پىكرىنى ئىنكاس قىلدى. ئۇنىڭدىن كىيىن، جۇڭگو پەنلەر ئاكادىمىيسى پارتىيە گۇرۇپپىسى يۈكسەك ئىتىبار بېرىپ، بىر قاتار قائىدە تۈزۈملەرنى تۈزدى ۋە تۈزەتتى، پارتىيە گۇرۇپپا شۇجىسى بەي چۈنلى ئالدى كەينى بولۇپ 6 قېتىم پارتىيە گۇرۇپپىسى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، ئورۇنلاشتۇرۇشنى تەتقىق قىلىپ، ئۆزگەرتىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈردى.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر