باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەتلىك نامرات بالىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتىدە كۆرىنەرلىك نەتىجە ھاسىل قىلىندى

2015.01.30 15:14         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مائارىپ مىنىستىرلىقى 30-يانۋار چۈشتىن بۇرۇن مۇنۇلارنى ئاشكارا بىلدۈردى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، گوۋۇيۈەن بالىلارنىڭ ساغلاملىق تەربىيەسى قاتارلىق جەھەتتە بىر يۈرۈش سىياسەت ۋە تەدبىرلەرنى تۈزۈپ ھەمدە يولغا قويۇپ، نامرات رايوندىكى بالىلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈپ ۋە كاپالەتلىك قىلىپ، كۆرىنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلدى.

  بالىلارنىڭ ساغلاملىقى جەھەتتە، دۆلەت تۇغۇتتىن بۇرۇنقى سۈپەتلىك تۇغۇش ساغلاملىق تەكشۈرۈش تۈرىنى نامرات رايونلاردىكى بارلىق ناھىيەلەردە ئومۇميۈزلۈك يولغا قويدى. نامرات رايونلاردىكى بالىلارنىڭ ئۇزۇقلۇقىنى ياخشىلاش سىناق تۈرى 2012-يىلىدىكى 100 ناھىيەدىن 2014-يىلى 341 ناھىيەگە كېڭەيدى. مالىيە تولۇقلىمىسى مەبلىغى 100 مىليون يۈەندىن 500 مىليون يۈەنگە كۆپەيدى، نەپكە ئېرىشكۈچى 350 مىڭدىن 1 مىليون 370 مىڭغا كۆپەيدى، يېزىلاردىكى مەجبۇرىيەت مائارىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇزۇقلۇقىنى ياخشىلاش پىلانىدا مەركەز مالىيەسىدىن 47 مىليارد 200 مىليون يۈەن ئوزۇقلۇقنى ياخشىلاش مەبلىغى ئورۇنلاشتۇرۇلدى، 2014-يىلى 11-ئايدىن باشلاپ تولۇقلىما ئۆلچىمى ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا ھەر كۈنى ئۈچ يۈەندىن تۆت يۈەنگە ئۆستۈرۈلدى، تەكشۈرۈشتىن ئايان بولۇشىچە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىر كۈندە ئۈچ ۋاق تاماق يىيىش نىسبىتى ئۆسكەن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەر كۈنى ئۈچ ۋاق تاماق يىيىشىگە كاپالەتلىك قىلالماسلىق نىسبىتى 2012-يىلىدىكى %10.4 تىن 2013-يىلى %7.1 كە تۆۋەنلىگەن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوزۇقلۇق ئەھۋالى بىر قەدەر ياخشىلانغان، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىگىزلىكى، ئېغىرلىقى بىر قەدەر ئاشقان، قان ئازلىق نىسبىتى بىر قەدەر تۆۋەنلىگەن.

  مائارىپ مىنىستىرلىقى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېڭى ۋەزىيەتتە نامرات رايونلاردىكى بالىلارنىڭ تەرەققىيات تەربىيەسىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە تۆۋەندىكى بىر قانچە جەھەتتىكى خىزمەت نۇقتىلىق چىڭ تۇتىلىدۇ. يېڭىدىن تۇغۇلغان بالىلارنىڭ ساغلام تۇغۇلۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، بالىلارنىڭ ئوزۇقلۇق ئەھۋالىنى ئۆزلۈكسىز ياخشىلاش، بالىلارنىڭ سەھىيە داۋالىنىش ساقلىقنى ساقلىشىنى كۈچەيتىش، بالىلار تەربىيەسىگە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ھەمدە ئالاھىدە قېيىنچىلىقى بار بالىلارنىڭ تەربىيەسى ۋە ئۇلارغا غەمخورلۇق قىلىشنى ئاشۇرۇش قاتارلىقلار.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر