باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركەزنىڭ 1- نومۇرلۇق ھۆججىتى نېمىشقا دائىم «يېزا، يېزا ئىگىلىكى، دېھقانلار»غا قارىتىلىدۇ؟

2015.02.02 17:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-فېبرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركەزنىڭ 1- نومۇرلۇق ھۆججىتى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى ھەر يىلى تارقىتىدىغان تۇنجى ھۆججەت. 1- نومۇرلۇق ھۆججەتتە مەركەز قىلىنغان تېما دائىم دۆلەتنىڭ نۆۋەتتە نۇقتىلىق دىققەت قىلىۋاتقان ھەمدە جىددىي ھەل قىلىشنى كۈتۈۋاتقان مەسىلىلەر بولۇپ، بىر يىللىق خىزمەتلەر ئىچىدە پروگرامما ۋە يېتەكچى خاراكتېرلىك ئورۇنغا ئىگە. شۇڭلاشقا ھەر يىللىق ھۆججەتلەر ھەر ساھەنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى تارتىدۇ.

  بىراق مەركەزنىڭ 1- نومۇرلۇق ھۆججىتى ھەريىلى «يېزا، يېزا ئىگىلىكى، دېھقانلار» مەسىلىسىگە مەركەزلىشىپ قالمىدى. ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشتىن بۇيانقى مەركەزنىڭ 1- نومۇرلۇق ھۆججەتلىرىگە قارايدىغان بولساق، «يېزا، يېزا ئىگىلىكى، دېھقانلار» تېمىسىدىكى 1- نومۇرلۇق ھۆججەت 17پارچە، ھەمدە بۇ 17پارچە ھۆججەتمۇ ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلگەن ئەمەس، ئارىلىقتا ئۈزۈلۈش بولغان.

  1- نومۇرلۇق ھۆججەتنىڭ «يېزا، يېزا ئىگىلىكى، دېھقانلار»نى تېما قىلىش ئەنئەنىسى نېمىشقا 80-يىللاردا ئۈزۈلۈپ قالغان؟ بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن، ئەينى ۋاقىتتا مەملىكىتىمىزدە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە مۇنداق بىر چۈشەنچە بار بولغان: ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىكى ئىسلاھات ئېچىۋېتىش يېزىلاردىن باشلانغان، مەسىلىلەر ئاساسەن ھەل قىلىندى، بۇندىن كېيىنكى مۇھىم مەسىلىلەر شەھەردە، خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىمۇ يېزىدىن شەھەرگە يۆتكەلدى.

  ئۇنداقتا ئارىلىقتا 18يىل ئۆتكەندىن كېيىن 1- نومۇرلۇق ھۆججەت نېمە ئۈچۈن يەنە قايتىدىن «يېزا، يېزا ئىگىلىكى، دېھقانلار» مەسىلىسىگە مەركەزلەشتى؟ بۇنىڭ كەينىدە تېخىمۇ چوڭقۇر بولغان ئارقا كۆرۈنۈش بار: ئالدىنقى ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا، دۆلىتىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش مۇھىتىدا مۇرەككەپ ۋەزىيەت پەيدا بولدى، دېھقانلار كىرىمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئۇدا نەچچە يىل %4تىن تۆۋەن بولۇپ كەلدى. بۇنىڭدىن باشقا شەھەرلەردىكى ئىسلاھاتنىڭ 10نەچچە يىللىق تېزلىتىلىشىدىن كېيىن، شەھەر-يېزا تەرەققىياتىدا ئېغىر تەڭپۇڭسىزلىق كۆرۈلۈپ، ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش مۇساپىسىگە تەسىر يەتكۈزدى.

  بۈگۈنكىدەك جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى يېڭى دائىمىيلىققا كىرگەن ئارقا كۆرۈنۈشتە، 2015-يىللىق مەركەزنىڭ 1- نومۇرلۇق ھۆججىتىنىڭ داۋاملىق «يېزا، يېزا ئىگىلىكى، دېھقانلار» خىزمىتىنى مەركەز قىلغانلىقى «يېزا، يېزا ئىگىلىكى، دېھقانلار» مەسىلىسىنىڭ جۇڭگودىكى «ئەڭ مۇھىم» بولغان ئورنىنىڭ ئۆزگەرمەيلا قالماستىن، يەنە كۈچەيگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. نۆۋەتتە جۇڭگو تۆتنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ۋە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاچقۇچلۇق پەيتىدە تۇرماقتا. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشتا يېزىلار كەم بولسا بولمايدۇ. تۆتنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتا تەرەققىياتى كېيىن قالغان يېزىلار ھالقىسىنى تولۇقلاش لازىم. دۆلەتنىڭ ھەر تۈرلۈك خىزمەتلىرى ئىچىدە، «يېزا، يېزا ئىگىلىكى، دېھقانلار» خىزمىتىنىڭ مۇھىملىقى ھېلىھەم ناھايىتى ئېنىق. بۇ ئامىللار «يېزا، يېزا ئىگىلىكى، دېھقانلار» خىزمىتىنىڭ ھېلىمۇ مەركەزنىڭ جىددىي ھەل قىلىدىغان ھەمدە نۇقتىلىق ئورۇنلاشتۇرىدىغان خىزمىتى بولۇشىنى بەلگىلىگەن، ھەمدە بۇ سەۋەبلىك، بۇ يىللىق مەركەزنىڭ 1-نومۇرلۇق ھۆججىتى 12-قېتىم نۇقتىنى «يېزا، يېزا ئىگىلىكى، دېھقانلار» خىزمىتىگە قاراتتى.

  تەرجىمە مۇھەررىرى:ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر