باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو رۇسىيە، ھىندىستان دىپلوماتىيە مىنستىرلىرى ئۇچرىشىشى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

2015.02.03 15:57         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگونىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى، رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروف، ھىندىستاننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى سىۋراج تۈنۈگۈن بېيجىڭدا جۇڭگو رۇسىيە ھىندىستان دىپلوماتىيە مىنستىرلىرىنىڭ 13-قېتىملىق ئۇچرىشىشىنى بىرلىكتە ئۆتكۈزدى. ئۈچ دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىدە چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئالماشتۇرۇش، ماسلىشىش، سىياسىي قاتلامدىكىلەرنىڭ كېڭىشىشىنى كۈچەيتىشكە، جۇڭگو، رۇسىيە، ھىندىستاننىڭ ئاسىيا ئىشلىرى كېڭىشىش مېخانىزمىنى تېزدىن بەرپا قىلىشقا؛ ئاقىللار ئامبىرى، سودا-سانائەت ساھەسىدىكىلەر، يېزا ئىگىلىك، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، داۋالاش، دورىگەرلىك، سەھىيە قاتارلىق بەش چوڭ ساھەدىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، پارلامېنت، تاراتقۇ، ئادىمىيەت ۋە ياشلار ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا؛ 2015-يىلدىن كېيىنكى تەرەققىيات قارالمىلىرىنى تۈزىدىغان ھۆكۈمەتلەر ئارا سۆھبەتلىشىشتىكى ماسلىشىش ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە، پارىژ كىلىمات ئۆزگىرىشى يىغىنىدا ئومۇميۈزلۈك، تەڭپۇڭ نەتىجە ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇشقا، بارلىق شەكىلدىكى تېررورىزمغا قارشى تۇرۇپ، خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەمكارلىقىنى قوللاشقا، ئافغانىستان ۋە رايوننىڭ ئۇزاق مۇددەت بىخەتەرلىكى ۋە گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە، سىياسىي سۆزلىشىش ئارقىلىق، ئۇكرائىنا كىرزىسىنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىش، سىياسىي دىپلوماتىيە ۋاسىتىسى ئارقىلىق، ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىنى ئومۇميۈزلۈك، ئۇزاق مۇددەت ھەل قىلىش، سۇرىيە مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش يۆنىلىشىتە چىڭ تۇرۇشقا بىردەك قوشۇلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر