باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياپونىيە ھۆكۈمىتى چەتئەلدىكى پۇقرالىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەردى

2015.02.03 15:56         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەسەبىي تەشكىلات «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» ياپونىيەلىك تۇتقۇن گوتو كېنجىنىڭ قەتلى قىلىنغانلىق ۋىدېيوسىنى ئاشكارىلىغاندىن كېيىن، ياپونىيەنىڭ كابىنېت ئەمەلدارى سۇگا يوشىخىدې 1-فېۋرال: ياپونىيە ھۆكۈمىتى چەتئەلدىكى پۇقرالىرىنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى كۈچەيتىدۇ دېدى.

  سۇگا يوشىخىدې مۇنداق دېدى: تۇتقۇن قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ بۈگۈنگىچە، «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» ياپونىيە ھۆكۈمىتى بىلەن بىۋاسىتە ئۇچراشمىدى، ياپونىيە ھۆكۈمىتى تېررورىزمغا باش ئەگمەيدۇ. ئۇ ئابى شىنزو ھۆكۈمىتى يۈرگۈزۈۋاتقان بىخەتەرلىكنى قوغداش ئىسلاھاتىنىڭ بۇ قېتىمقى تۇتقۇن قىلىش ۋەقەسى بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقىنى ئىنكار قىلدى ھەمدە ياپونىيە قوغدىنىش قىسمىنىڭ «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» تەشكىلاتىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىشقا قاتناشقان باشقا دۆلەت قىسىملىرىغا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ئىنكار قىلدى. ياپونىيە ھۆكۈمىتى ياپونىيەنىڭ چەتئەللەردە تۇرۇشلۇق ئاپپاراتلىرىغا چەتئەللەردىكى ياپونىيەلىكلەرنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى كۈچەيتىش ھەققىدە يوليورۇق بەردى شۇنىڭ بىلەن بىرگە چەتئەللەردىكى ياپونىيەلىكلەرنىڭ ئۆز جىسمانىي بىخەتەرلىكىگە دىققەت قىلىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كىمون شۇ يەر ۋاقتى 31-يانۋار ياپونىيەلىك تۇتقۇننىڭ قەتلى قىلىنغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىدى ھەمدە «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ بارلىق تۇتقۇنلارنى شەرتسىز قويۇپ بېرىشىنى مۇراجىئەت قىلدى. بان كىمون گوتو كېنجىنىڭ قەتلى قىلىنغانلىقىنى قاتتىق سۆزلەر بىلەن ئەيىبلىدى ھەمدە ئۇنىڭ ئائىلىسى، ياپونىيە خەلقى شۇنداقلا ھۆكۈمىتىدىن سەمىمىي ھال سورىدى.

  خەلق گېزىتىنىڭ يەنە بىر خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما 31-يانۋار بايانات ئېلان قىلىپ، «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» تەشكىلاتىنىڭ ياپونىيەلىك تۇتقۇن گوتو كېنجىنى قەتلى قىلغانلىقىنى ئەيىبلەپ مۇنداق دېگەن: ئامېرىكا ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بىرگە كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ، «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» ھالاك بولغانغا قەدەر زەربە بېرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر