باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

مىسىر سوت مەھكىمىسى: خاماسنىڭ قول ئاستىدىكى قۇراللىق گۇرۇھ تېررورلۇق تەشكىلات

2015.02.03 15:55         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مىسىرنىڭ قاھىرەدىكى جىددىي ئىشلار سوت مەھكىمىسى 31- يانۋار كېسىم چىقىرىپ، پەلەستىن ئىسلام قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى خاماسقا قاراشلىق قۇراللىق گۇرۇھ كاسان بىرىگادىسىنى تېررورلۇق تەشكىلات دەپ جاكارلىدى.

  بۇ سوت مەھكىمىسىنىڭ سوتچىسى مۇنداق دېدى:كاسان بىرىگادىسى سىناي يېرىم ئارىلىنىڭ راپا چېگرا ئېغىزى بىلەن گازا چېگرىسىدىن پايدىلىنىپ يەر ئاستى يولىدا قورال ياراق ئوق دورا ئەتكەسچىلىكى بىلەن شۇغۇللانغان. بۇنىڭ كۆپ قىسمىنى سىناي يېرىم ئارىلىدىكى تېررورچى ئۇنسۇرلار ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلىشقا ئىشلەتكەن.كاسان بىرىگادىسىنىڭ سىناي يېرىم ئارىلىدىكى قىسمەن تېررورلۇق ھۇجۇمغا قاتنىشىشقا ياردەم بېرىپ، كۆپلىگەن خادىملارنىڭ قازا قىلىشى ۋە يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىغا ئائىت ئىسپات بار.

  

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر