باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

چاۋشيەن ئامېرىكىنىڭ چاۋشيەن بىلەن ئامېرىكا سۆھبىتىنى باشلاش نىيىتى يوقلىقىنى تەنقىد قىلدى

2015.02.03 15:55         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ 1-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، چاۋشيەن تاشقى ئىشلار ۋازارىتىنىڭ باياناتچىسى شۇ كۈنى ئامېرىكىنىڭ چاۋشيەن بىلەن ئامېرىكا سۆھبىتىنى باشلاش نىيىتى يوقلىقى ھەمدە سۆزلىشىشنىڭ ئىشقا ئاشمىغانلىق مەسئۇلىيىتىنى چاۋشيەنگە ئارتىپ قويۇشىنى ئەيىبلىدى.

  بۇ باياناتچى مۇنداق دېدى: چاۋشيەن يېرىم ئارالدىكى ئۇرۇش كرىزىسىنى تۈگىتىش، جىددىي كەيپىياتنى پەسەيتىش، تىنچ مۇھىت يارىتىش ئۈچۈن، بۇ يىلدىن باشلاپ ئېلاستىكىلىققا ئىگە لايىھىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ھەمدە بۇنىڭ ئۈچۈن ھەقىقىي تىرىشچانلىق كۆرسەتتى. چاۋشيەن يەنە ئامېرىكىنىڭ چاۋشيەن سىياسىتى بويىچە ئالاھىدە ۋەكىلى كىمسىڭنى پىيوۋياڭنى زىيارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلدى، بىراق ئامېرىكا بۇ تەكلىپكە پىسەنت قىلمىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر