باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

مەركەزنىڭ 1-نومۇرلۇق ھۆججىتىدە شەھەر-يېزا ئاھالىسىنىڭ كىرىم پەرقىنى داۋاملىق كىچىكلىتىش ھالىتىنى ساقلاش كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى

جۇڭگونى بېيىتىشتا، چوقۇم دېھقانلارنى بېيىتىش شەرت (سىياسەت يەشمىسى . 1- نومۇرلۇق ھۆججەت)

2015.02.03 14:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېشىپ بەرگۈچى: مەركەزنىڭ 1-نومۇرلۇق ھۆججىتىنى تۈزۈش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى جۇ ۋېيدۇڭ، ياڭ شاڭچىن

  مۇخبىر: گۇ جۇڭياڭ

  ھاللاندۇقمۇ-ھاللانمىدىقمۇ، مۇھىمى دېھقانلارغا قاراش كېرەك. ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادى ھازىر يۇقىرى ئېشىش سۈرئىتىدىن ئوتتۇرىھال ھالەتتىىكى يۇقىرى ئېشىش سۈرئىتىگە قاراپ ئۆزگەرمەكتە، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئۇدا ئاشۇرۇش قىينلاشماقتا. 2015-يىللىق مەركەزنىڭ 1-نومۇرلۇق ھۆججىتىدە، جۇڭگونى بېيىتىشتا، چوقۇم دېھقانلارنى بېيىتىش شەرت، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى تۇراقلىق ھالىتىگە پائال ماسلىشىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشتا يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  بىرىنچى يارقىن نۇقتا: شەھەر-يېزا ئاھالىسىنىڭ كىرىم پەرقىنى داۋاملىق كىچىكلىتىش ھالىتىنى، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى «ئۇدا 11 قېتىم» ئاشۇرۇشنى ساقلاش كېرەك، لېكىن كىرىمنى ئۇدا ئاشۇرۇش قىيىنلىشىۋاتىدۇ.

  دېھقانلارنىڭ كىرىمى «ئۇدا 11 قېتىم» ئېشىپ، ئېشىش نىسبىتى ئۇدا بەش يىل شەھەر-بازار ئاھالىسىنىڭكىدىن يۇقىرى بولۇپ، ياخشى نەتىجىگە ئېرىشتى. دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2014-يىلى ئېلىمىز شەھەر-بازار ئاھالىسىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى 28844 يۈەن بولۇپ، 2013-يىلدىكىدىن ٪9.0 ئاشقان، باھا ئامىلىنى ئېلىۋەتكەندە ئەمەلىيەتتە ٪6.8 ئاشقان؛ يېزا ئاھالىسىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى 10489 يۈەن بولۇپ، 2013-يىلدىكىدىن ٪11.2 ئاشقان، باھا ئامىلىنى ئېلىۋەتكەندە ئەمەلىيەتتە ٪9.2 ئاشقان. شەھەر-يېزا ئاھالىسىنىڭ ئىگىلىكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم 2.75 ھەسسە پەرقلىنىپ، 2013-يىلدىكىدىن 0.06 ھەسسە كىچىكلىگەن.

  لېكىن ئېلىمىز يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتىنىڭ تاشقى مۇھىتى، ئىچكى شارائىتى چوڭقۇر ئۆزگۈرۈپ، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادى يېڭى تۇراقلىق ھالەتكە قەدەم قويۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنىڭ ئېشىشى يېڭى ئەھۋال، يېڭى خرىسقا دۇچ كەلدى، كىرىمنى ئۇدا ئاشۇرۇش قىيىنلاشتى.

  تۈرلەرگە ئايرىپ قارىغاندا، 2013-يىلدىن باشلاپ مائاش خاراكتېرلىك كىرىم دېھقانلارنىڭ ئەڭ مۇھىم كىرىم مەنبەسىگە ئايلانغان. لېكىن دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، دېھقانلارنىڭ سىرتتا ئىشلەمچىلىك قىلىپ ئالغان مائاشىنىڭ ئېشىش نىسبىتى تۆۋەنلىگەن. ماكرو ئىگىلىك ۋە شەھەرلەردىكى 2-، 3- كەسىپلەرنىڭ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنىڭ دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى بىر قەدەر چوڭ، ئىشقا ئورۇنلىشىش سۈپىتى ۋە مائاش سەۋىيىسى ئومۇميۈزلۈك تۆۋەن، ئىجتىمائىي كاپالەت ئەمەلىيلەشمىگەن.... دېھقانلارنىڭ مائاش خاراكتېرلىك كىرىمىنىڭ ياخشى ئېشىش ھالىتىنى ساقلاشتا يەنە نۇرغۇن قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش كېرەك.

  ئىككىنچى يارقىن نۇقتا: يېزىلاردىكى 1-، 2-، 3- كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  يېزا ئىگىلىكىنىڭ كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، دېھقانلارنىڭ مۈلۈك خاراكتېرلىك كىرىمىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

  يېزا ئىگىلىكى دېھقانلارنىڭ تىرىكچىلىك قىلىشىنىڭ ئاساسى، كىرىمىنى ئاشۇرۇش يولى. دېھقانلارنى بېيىتىشتا چوقۇم يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئىچكى كىرىم ئاشۇرۇش يوشۇرۇن كۈچىنى تولۇق قېزىپ چىقىش كېرەك. قانداق قىلغاندا دېھقانلارنى دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللاندۇرۇپ كىرىمىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ؟ ئالدى بىلەن يېزا ئىگىلىك قۇرۇلمىسىنى ياخشى تەڭشەپ، ئەلالاشتۇرۇش كېرەك. 1-نومۇرلۇق ھۆججەتنىڭ روھىدا بازارنىڭ تەمىنلەش-ئېھتىياج ئۆزگىرىشى ۋە رايون ئارا سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكىگە ئاساسەن، بازاردا قىس مەھسۇلاتلار، ئەلا سۈپەتلىك، ئۆزگىچە مەھسۇلاتلار، يېزا ئىگىلىكىنىڭ كۆپ خىل بايلىق، فۇنكىسيەسىنى ئاچىدىغان ئىشلارنى تەڭشەپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ قىممىتى، ئۈنۈمىنىڭ ئاشۇرىدىغان بوشلۇقنى كېڭەيتىش كېرەك، دەپ تەلەپ قىلىندى. ئۇنىڭدىن كېيىن تەننەرخنى تۆۋەنلىتىپ، خەتەرنى كونترول قىلىش كېرەك. 1-نومۇرلۇق ھۆججەتتە يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىش تەكىتلەندى ۋە ئورۇنلاشتۇرمىلارنى قىلدى. تەننەرخنى تېجەپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشنى چۆرىدەپ، ئەتراپلىق، قولايلىق، ئەلا سۈپەتلىك، مەنپەئەتلىك بولغان يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەت سىستېمىسىنى زور كۈچ بىلەن مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دېھقانلارنى تېرىش-ھوسۇل ئېلىش قىيىن بولۇش، سېتىش-سېتىۋېلىش قىيىن بولۇش، دېھقانچىلىق قىلىشتا تەننەرخ يۇقىرى، خەتەر چوڭ بولۇشتىن ئەنسىرەتمەسلىك بۇنىڭ ئومۇمىي پىكرى.

  دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتا چوقۇم يېزا ئىگىلىكىنىڭ كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، ئاشۇرما قىممەتنى ئۆستۈرۈش كېرەك. 1-نومۇرلۇق ھۆججەتتە يېزىلاردىكى 1-، 2-، 3-كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بايلىق ئەۋزەللىكىنى مەۋقە، بازار ئېھتىياجىنى يېتەكچى قىلىپ، ئۆزگىچە تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش كەسپى، يېزىلارنىڭ مۇلازىمەت كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دېھقانلارنى بېيىش يولىغا يېتەكلەش كېرەك. ھازىر، ئېكولوگىيەلىك كۈتۈنۈش، ئىستىراھەت، ساياھەت، ساياھەت يېزا ئىگىلىكى قاتارلىقلارنىڭ ئېھتىياجى تېز ئېشىش باسقۇچىدا تۇرماقتا، سودا پۇرسىتى ئىنتايىن كۆپ.

  ئۈچىنچى يارقىن نۇقتا: يېزا ئىگىلىك تولۇقلىمىسى سىياسىتىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش كېرەك

  يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارغا سېلىنىدىغان سېلىنمىغا ئالدىن كاپالەتلىك قىلىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى باھاسىنىڭ شەكىللىنىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

  ھازىر، دېھقانلارنىڭ ئىشلەمچىلىك قىلىپ تاپقان كىرىمى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى ئاساسقا ئايلاندى، يېڭى تۇراقلىق ھالەتتە دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ مائاش خاراكتېرلىك كىرىمىنىڭ داۋاملىق ئېشىش ھالىتىنى ئامال قىلىپ ساقلاش كېرەك. 1-نومۇرلۇق ھۆججەتتە، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتا چوقۇم دېھقانلارنىڭ يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ۋە ئىگىلىك تىكلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك، دەپ كۆرسىتىلدى.

  دېھقانلارنىڭ كىرىمىنىڭ ئۇدا ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چوقۇم سىياسەت بىلەن دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا ياردەم بېرىش سالمىقىنى داۋاملىق ئاشۇرۇش كېرەك. 1-نومۇرلۇق ھۆججەت يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارغا سېلىنىدىغان سېلىنمىغا ئالدىن كاپالەتلىك قىلىش، يېزا ئىگىلىك تولۇقلىمىسى سىياسىتىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى باھاسىنىڭ شەكىللىنىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپتىن مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىلارنى قىلدى.

  دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتا چوقۇم ھۆكۈمەتنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ تەرەققىيات شەرتىگە بولغان مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك. يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى باشتىن-ئاخىر ھەر دەرىجىلىك مالىيە چىقىمى بىلەن كاپالەتلەندۈرىدىغان ساھە قىلىپ، مۇقىم سېلىنمىلىق ئېشىش مېخانىزمى ئورنىتىشنى تېزلىتىپ، مالىيەنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارغا ئاجرىتىدىغان چىقىمىنى داۋاملىق كۆپەيتىش كېرەك.

  دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتا چوقۇم دۆلەتنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى قوللاش، قوغداش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. «يېشىل ساندۇق» قوللاش سىياسىتىنىڭ يولغا قويۇش كۆلىمى ۋە دائىرىسىنى تەدرىجىي كېڭەيتىپ، «سېرىق ساندۇق» قوللاش سىياسىتىنى تەڭشەپ ئۆزگەرتىپ، سىياسەت بىلەن دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈپ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئۈنۈمىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. يېزا ئىگىلىك تولۇقلىما سىياسىتىنىڭ ئىزچىللىقى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، 1-نومۇرلۇق ھۆججەتتە تولۇقلىمىنىڭ يېتەكلەش خاراكتېرى ۋە ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، تولۇقلىمىنى نۇقتىلىق ھالدا ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىش رايونى ۋە يېڭىچە يېزا ئىگىلىك تىجارەت سۇبيېكتىغا مايىللاشتۇرۇش كېرەك، دەپ ئالاھىدە تەكىتلىدى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر