لى كېچياڭ مۇراسىمغا رىياسەتچىلىك قىلدى، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى مۇراسىمغا قاتناشتى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2-فېۋرال تېلېگراممىسى. ئۆلكە باشلىقى، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش مەخسۇس مۇھاكىمە كۇرسى 2-فېۋرال مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىدە باشلاندى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ كۇرسنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئومۇميۈزلۈك ئىدارە قىلىشتا رەھبىرىي كادىرلاردىن ئىبارەت بۇ ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدىغان ئاز ساندىكى كىشىلەرنى جەزمەن چىڭ تۇتۇش كېرەك. رەھبىرىي كادىرلار قانۇننى ھۆرمەت قىلىدىغان، قانۇننى ئۆگىنىدىغان، قانۇنغا رىئايە قىلىدىغان، قانۇندىن پايدىلىنىدىغان نەمۇنىچىلاردىن بولۇپ، پۈتكۈل پارتىيە، مەملىكەتتىكىلەرنىڭ بىرلىكتە تىرىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىش سېستىمىسى، سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىدىغان دۆلەت بەرپا قىلىشتا ئۆزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك.
كۇرسنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى لى كېچياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى قاتناشتى.
مەنبە: خەلق تورى