باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايون، شۇنداقلا ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاستلاردىكى ئەدەبىيات- سەنئەت پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى قۇرۇلدى

2015.02.09 11:21         مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايون، شۇنداقلا ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاستلاردىكى ئەدەبىيات- سەنئەت پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى 6-فېۋرال رەسمىي قۇرۇلدى. ھەر دەرىجىلىك مۇلازىمەت ئۆمەكلىرى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى دائىملاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىغا تېخىمۇ كۆپ ئەدەبىيات- سەنئەت ئەسەرلىرىنى سوۋغا قىلىدۇ.

  ئەدەبىيات- سەنئەت پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدىكى ھەر قايسى ئەدەبىيات- ئۆمەكلىرى، ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردىكى ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدىكى پىدائىيلاردىن تەشكىللەنگەن، بۇنىڭدىن كېيىن، پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئەدەبىيات- سەنئەت پىدائىيلار مۇلازىمەت پائالىيىنى تەشكىللەش ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىش ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىسىنى، بولۇپمۇ ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنى تېخىمۇ كۆپ ساغلام، ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدىغان ئەدەبىيات- سەنئەت ئەسەرلىرىدىن ھەقسىز بەھرىمەن قىلىدۇ.

  جۇڭگو ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، داڭلىق ئۇسسۇلچى دىلنار ئابدۇللا مۇنداق دېدى: بۇ بىزگە ئوخشاش ئەدەبىيات- سەنئەت خىزمەتچىلىرىگە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا ناھايىتى ياخشى سۇپا. ئەدەبىيات- سەنئەت پىدائىيلىرى، سەنئەتچىلەر ئۆزلۈكسىز تۈردە ئاساسىي قاتلامدا پۇقرالارغا ئەڭ ياخشى، سەرخىل، ئېسىل سەنئەت نومۇرلىرىنى سوۋغا قىلىپ، پۇقرالارنى بۇنىڭدىن بەھرىمەن قىلىدۇ. بۇمۇ بىزنىڭ ئاساسىي قاتلام مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشىمىز ۋە پۇقرالار ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشىمىزدىكى ئەۋزەللىك.

  قەشقەر ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئۇتۇق ئىبراھىم مۇنداق دېدى: قەشقەر ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدە 11 ئەدەبىيات- سەنئەت ئۆمىكى بار. بۇنىڭدىن كېيىن، ئەدەبىيات- سەنئەت پىدائىيلار مۇلازىمەت ئۆمىكىنىڭ قائىدە- تەلەپلىرىگە ئاساسەن، ئاساسىي قاتلامدىكى ئامما ئۈچۈن ئۇلار ياقتۇرۇپ ئاڭلايدىغان ۋە كۆرىدىغان تېخىمۇ كۆپ ئەدەبىيات- سەنئەت ئەسەرلىرىنى تەييارلاپ، ئۇلارنى ئىشىك ئالدىدىلا زامانىۋىي مەدەنىيەتنىڭ سېھرى كۈچىدىن ھوزۇرلاندۇرىمىز. بىز ئاساسىي قاتلامدا خىزمەت قىلغانلىقىمىز ئۈچۈن ئامما بىلەن بىۋاستە ئالاقە باغلىيالايمىز، ئۇلار نېمە ئويلاۋاتىدۇ، نېمىگە ئېھتىياج، نېمىنى ئارزۇ قىلىۋاتىدۇ؟ بۇلارنى بىز بىۋاستە بىلەلەيمىز، شۇنىڭ ئۈچۈن پىدائىيلار مۇلازىمەت ئۆمىكى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق بەزى پايدىلىق پائالىيەتلەرنى يۈز تۇرانە قانات يايدۇرىمىز. ئالايلۇق خەتتاتلىق، گۈزەل- سەنئەت جەھەتتىن بولسۇن، بىز ئاممنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، ئاممىغا ئىلھام بېرىپ، ئاممىنى يېتەكلەيمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

ئالاقىدار خەۋەرلەر