باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز480 مىڭ يېزا نوپۇسىنىڭ پاكىزە، بىخەتەر ۋە ئىشەنچىلىك سۇ ئىچىشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ

2015.02.09 11:10         مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز 329 مىليون يۈەن ئاجىرىتىپ، يېزىلاردىكى ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىك قۇرلۇشىنى يولغا قۇيۇپ، 480 مىڭ يېزا نوپۇسىنىڭ پاكىزە، بىخەتەر ۋە ئىشەنچىلىك سۇ ئىچىشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات- ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز مەركەز خامچوت مەبلىغىدىن 263 مىليون يۈەن، يەرلىك مالىيەدىن 65 مىليون 860 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 432 مىڭ 600 يېزا ئاھالىسى بىلەن يېزا مەكتەپلىرىدىكى 52 مىڭ ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىنىڭ ئىچىدىغان سۈيى بىخەتەر بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىدىكەن. بۇ يىلنىڭ ئاخىرى، ئاپتونوم رايونىمىز مەملىكەت بويىچە «12- بەش يىللىق» پىلاندىكى يېزىلاردىكى ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىك قۇرلۇشى پىلانىغا كىرگۈزۈلگەن 3 مىليون 433 مىڭ يېزا ئاھالىسى بىلەن يېزا مەكتەپلىرىدىكى 440 مىڭ ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىنىڭ بىخەتەر سۇ ئىچىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدىكەن.

  «12- بەش يىللىق» پىلان يولغا قۇيۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز «خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى يىلى» نى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، يېزىلاردىكى ئاھالىلەرنىڭ ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىك قۇرلۇشىنى خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم تۈر قىلىپ، جەمئىي 3 مىليارد 74 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئاساسلىقى مەركەزلىك ۋە تارقاق سۇ بىلەن تەمىنلەش قۇرۇلۇشىنى يولغا قۇيۇش ئارقىلىق، شەھەر، يېزا بىر گەۋدىلەشكەن سۇ بىلەن تەمىنلەشنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 3 مىليون 800 مىڭ يېزا نوپۇسىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان ئىچىدىغان سۈيى بىخەتەر بولماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

ئالاقىدار خەۋەرلەر