باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ چىڭگىل ناھىيەلىك يادىكارلىق ئىدارىسى: «كاللەك ئالتۇن»نىڭ مەدىنىي يادىكارلىق ئەمەسلىكى جەزىملەشتۈرۈلدى

2015.02.09 15:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-فېبرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا شىنجاڭ چىڭگىل ناھىيەسىدىكى بىر چارۋىچى تاسادىپىي ھالدا بىر پارچە «كاللەك ئالتۇن» تېپىۋالغان بولۇپ، جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى تارتقان. تۆنۈگۈن شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتى چىڭگىل ناھىيەلىك مەدەنىي يادىكارلىق ئىدارىسى ئىپادە بىلدۈرۈپ، «بۇ ئالتۇننىڭ مەدەنىي يادىكارلىق ئەمەسلىكى جەزىملەشتۈرۈلدى» دېدى.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ «كاللەك ئالتۇن»نى تېپىۋالغان چارۋىچىنىڭ تۇرمۇشى ئانچە باياشات ئەمەس بولۇپ، بۇ ئالتۇن تېپىۋېلىنغان چاغدا يەر ئۈستىدە ئاساسەن «يالىڭاچ» ھالەتتە ئىكەن. شۇ جايلىق تەزكىرە ئىشخانىسىنىڭ خىزمەتچى خادىمى «بۇ ھازىرغا قەدەر شىنجاڭدا بايقالغان ئەڭ چوڭ بىر پارچە <كاللەك ئالتۇن>» دېگەن. دۆلىتىمىزنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇن بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسلانغاندا، تېپىۋېلىنغان بۇيۇم ئەگەر مېنىرال ياكى مەدەنىي يادىكارلىق بولسا، دۆلەتكە تاپشۇرۇش كېرەك.

  «تېپىۋالغان بايلىقنى يۇقىرىغا تاپشۇرۇش؟» تورداشلار بۇنىڭغا نىسبەتەن قىزغىن مۇلاھىزىدە بولدى. شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتى چىڭگىل ناھىيەلىك مەدەنىيەت يادىكارلىق ئىدارىسى بۇ ئىش ئۈستىدە مۇخبىرغا ئىنكاس قايتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «كۆردۇق، تېپىۋېلىنغان بۇيۇم مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئەمەس ئىكەن، مەدەنىيەت يادىكارلىقىغا تەۋە ئەمەس دەپ بېكىتىشكە ئاساسەن بولىدۇ، پەقەتلا بىر خىل مېنىرال ماددا دېيىشكە بولىدۇ». بۇ خادىم يەنە «تېپىۋېلىنغان بۇيۇم بىر قەدەر قىممەتلىك ھەمدە كەم ئۇچرايدىغان مېنىرال ماددا، بىر قەدەر قىممەتلىك، بىراق ئالتۇنمۇ ئەمەسمۇ، مېنىرال ماددىلار تارماقلىرىنىڭ يەنىمۇ جەزملەشتۈرۈشى كېرەك».

  تەرجىمە مۇھەررىرى:ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر