باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايون ئىچىدىكى تولۇقسىز ئوتتۇرامەكتەپلىرى ۋە ئىچكىرى ئۆلكە(شەھەر)دىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچىلار داۋاملىق كۆپەيتىلىدۇ

2015.02.09 11:26         مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرىمىزنىڭ 7 – فېۋرال ئېچىلغان 2015 – يىللىق ئىچكىرى ئۆلكە(شەھەر)دىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىدىكى ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىل ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى ۋە ئاپتونوم رايون ئىچىدىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلىرىگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى ئىلگىرىكى 20 مىڭ ئاساسىدا يەنىمۇ كۆپەيتىدىكەن، ھازىر بۇنىڭ كونكرېت لايىھەسى تۈزۈلۈۋېتىپتۇ.

  مائارىپ مەنبەسى نىسپىي تەرەققىي قىلغان ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شەھەرلەردە تەسىس قىلىنغان شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى ۋە ئاپتونوم رايون ئىچىدىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلىرى، ئوتتۇرا تېخنىكوم سىنىپلىرىنى تەسىس قىلىش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ چېگرا رايوندىكى ئاز سانلىق مىللەت ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەش خىزمىتىنى تېزلىتىشتىكى ئەلگە نەپ يەتكۈزىدىغان مۇھىم تەدبىرى. ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىل ئىچكىرى ئۆلكىلەردە شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىنى ئېچىش خىزمىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشنى تېزلىتىپ، ئىشنى خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، سىياسىي – ئىدىيەۋى تەربىيەنى كۈچەيتىش، ئوقۇش – ئوقۇتۇشنى باشقۇرۇشنى چىڭ تۇتۇش، باشقۇرۇش قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، خىراجەتكە كاپالەتلىك قىلىشنى ياخشىلاش قاتارلىق جەھەتلەردىن باشلاپ، باشقۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئاساسىنى تېخىمۇ پۇختىلاپ، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيەلەش خىزمىتىنى ئۈنۈملۈك ياخشى ئىشلەيدۇ. ئىچكىرى ئۆلكىلەردە شىنجاڭلىقلارنى ئوقۇتۇش ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەركەزنىڭ ھەر تۈرلۈك ئوقۇتۇش تەلەپلىرىنى بىر – بىرلەپ ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ، ‹‹كىم ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش، قانداق ئادەم تەربىيەلەش، ئادەمنى قانداق تەربىيەلەش››نى زىچ چۆرىدەپ، ئىدىيەۋى – سىياسىي خىزمەت شەكلى ۋە ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئىدىيەۋى – سىياسىي جەھەتتە تەربىيەلەشتىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە كىرىش ئۆتكىلىنى چىڭىتىپ، ئىچكىرىگە ئەۋەتىلىدىغان باشقۇرغۇچى كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مەكتەپ باشقۇرۇشتىكى سىرتقا قارىتا تەشۋىقات خىزمىتىنىڭ سالمىقىنى زورايتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

ئالاقىدار خەۋەرلەر