باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرى يېقىلغۇ ماي ياردەم پۇلى ئۆلچىمىنى ئۆز ئالدىغا تۈزۈپ چىقىدىغان بولدى

2015.02.09 11:13         مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىلدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرى يېقىلغۇ ماي ياردەم پۇلى ئۆلچىمىنى ئۆز ئالدىغا تۈزۈپ چىقىدىغان بولدى. لېكىن تارقىتىش ۋاقتى ئۇزىراپ كېتىش، ياردەم پۇلىنىڭ سانى تۆۋەنلەپ كېتىش قاتارلىق مەسىلىلەر كۆرۈلدى.

  ئىلگىرى ھەر يىلنىڭ ئاخىرىدا، جايلاردىكى ترانسپورت باشقۇرۇش تارماقلىرى شوپۇرلارغا ئالدىنقى يىللىق يېقىلغۇ ماي ياردەم پۇلىنى تارقىتىپ بىرەتتى. لىكىن ھازىرغىچە 2013- يىللىق يېقىلغۇ ماي ياردەم پۇلى تېخى تارقىتىلمىدى ۋە ياكى تارقىتىپ بولۇنمىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ياردەم پۇلىنىڭ بەلگىلەنگەن سانىمۇ ئىلگىرىكى يىللارغا قارىغاندا زور ھەجىمدە تۆۋەنلەپ كەتتى. سانجى خۈيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنى مىسال قىلساق، يېزا-شەھەر ئارىلىقىدا قاتنايدىغان ئاپتوموبىلارغا بىرىلىدىغان ياردەم پۇل ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن 40% تۆۋەنلەپ كەتتى. لىكىن مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى، ماناس ناھىيىسى قاتارلىق ناھىيە- شەھەرلەرنىڭ تارقىتىش خىزمىتى داۋاملىق ئېلىپ بىرىلىۋاتىدۇ. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇخبىر كۆپ قىسىم جايدىكى قاتناش تارماقلىرىدىن مەسلىھەت سوراپ مۇنۇلارنى ئىگىلىدى: بۇ يىلدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونىمىز پۈتكۈل ئاپتونوم رايوندىكى يولۇچى توشۇش كەسپلىرىنىڭ يېقىلغۇ ماي ياردەم پۇل خىزمىتىنى تەرتىپكە سالىدۇ، ئىلگىرى ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە، قاتناش تارماقلىرى يېقىلغۇ ماي ياردەم پۇلىنى تارقىتىشنىڭ تەپسىلىي پرىنسىپلىرىنى مۇددەتتىن بۇرۇن تۈزۈپ چىقاتتى، ھەر قايسى جايلار مەبلەغ ئەمەلىلەشكەندىن كىيىن بىۋاسىتە تارقاتسىلا بولاتتى. بۇ يىلدىن باشلاپ، جايلار يېقىلغۇ ماي ياردەم پۇلى بىرىش ئۆلچىمىنى ئۆز ئالدىغا تۈزۈپ چىقىدىغان بولدى، تۇنجى قىتىم بۇ خىزمەتنى قانات يايدۇرغاچقا، ھەر قايسى جايلارنىڭ تارقىتىش خىزمىتىدە بىر قەدەر پەرق بولىدۇ. سانجى ئوبلاستلىق قاتناش- ترانسپورت ئىدارىسى ترانسىپورت بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لى لى مۇنداق دېدى: بۇ خىزمەت تۇنجى قېتىم يولغا قويۇلغاچقا، بىز ھەر قايسى ناھىيە- شەھەر، تارماقلارغا بۇ خىزمەتنى چوقۇم ئەستايىدىل، ئىنچىكە ئىشلەشنى تاپىلىدۇق. بۇ ھۆججەتنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن، ھەرقايسى ناھىيە- شەھەرلەر قانچە ئاپتوموبىل بارلىقىنى ، ئەمەلىي يول يۈرۈش كۈن سانى قاتارلىقلارنى ئېنىقلاپ تەكشۈرگەندىن كىيىن، ئېلان چىقىرىدۇ. يەنە بىر جەھەتتە، ھەر قايسى ناھىيە- شەھەرلەر مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتى تۈرىدىكى يىغىنلارنى ئىچىپ ، مۇزاكىرلىشىپ، مەسىلە بار يوقلىقىنى تەكشۈرگەندىن كىيىن ئاندىن پۇلنى تارقىتىدۇ. بۇنىڭدا ئىككى ھالقا كۆپەيدى دىيىشكە بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ خىزمەت سەل ئاستىراق بولىدۇ.

  ياردەم پۇلىنىڭ بەلگىلەنگەن سانىنىڭ زور كۆلەمدە ئازىيىپ كىتىشىدىكى سەۋەبكە قارىتا، ئاپتونوم رايونلۇق يول ترانسپورت باشقۇرۇش ئىدارىسى پىلان- مالىيە باشقارمىسىنىڭ مەسئۇلى لىن خاۋ ئەھۋال چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: يېقىلغۇ ماي ياردەم پۇل تارقىتىش ئۆلچىمى تۈزۈپ چىقىش بىر ھەرىكەت مېخانىزىمى بولۇپ، ئۇ نۇرغۇنلىغان چوڭ ئامىللارنىڭ چەكلىشىگە ئۇچىرايدۇ. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: مەركەز مالىيەسى يېقىلغۇ ماي باھاسىنىڭ ئۆزگۈرۈشىگە قاراپ يېقىلغۇ ماي ياردوم پۇلىنى بىكىتىدۇ، بۇنىڭ بىر ئۆلچەملىك باھاسى بار بولۇپ، مۇشۇ ئۆلچەم باھاسىدىن ئىشىپ كەتكەن قىسمىنى دۆلەت نىسبەت بويىچە ياردەم پۇلى بىرىدۇ. ھازىر ماينىڭ باھاسى كۆپ قېتىم چۈشۈپ كەتكەچكە، بۇيىل بۇلتۇرغا قارىغاندا ئەلۋەتتە تۆۋەنلەش كۆلىمى شەكىللىندۇ. ئۇنىڭدىن سىرت، بۇ يىل دۆلەت بەرگەن ياردەم پۇل، بۇلتۇرقىدەك كۆپ بولمايدۇ. راسچوت مەبلىغىمۇ يوق. 2 تۈرلۈك ئالدىن ئاجتىلىدىغان مەبلەغ مۇشۇنچىلىك كۆپ بولغاندا ،بۇنىڭ بىر تۈرىدىكى مەبلەغ بۇلتۇرقىدىن يىلدىن 30% گە يېقىن تۆۋەنلەيدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

ئالاقىدار خەۋەرلەر