باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«شىنجاڭنى سۆيۈش، ئانا يۇرتنى ساياھەت قىلىش» شىنجاڭ ساياھىتى يىللىق كارتىسى مەملىكەت بويىچە رەسمىي تارقىتىلىشقا باشلىدى

2015.02.09 11:19         مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «شىنجاڭنى سۆيۈش، ئانا يۇرتنى ساياھەت قىلىش» شىنجاڭ ساياھىتى يىللىق كارتىسى مەملىكەت بويىچە رەسمىي تارقىتىلىشقا باشلىدى.

  شىنجاڭ ساياھىتى يىللىق كارتىسى-- «ھەممىباپ كارتىنى پۈتۈن شىنجاڭدا ئىشلىتىش» ئىدىيەسى بويىچە ئىستىمالنى قوزغىتىش، تەشۋىق قىلىش، ئېلىكتىرونلۇق سودا ئىشلىرى تىجارىتى، تولۇقلىمىنى ئىستاتېستىكا قىلىش، كەسپ جەھەتتە يېتەكلەشتىن ئىبارەت 5 خىل ئىقتىدارنى بىر گەۋدىلەشتۈرگەن بولۇپ، كارتا سېتىۋالغان كىشى 299 يۈەن خەجلىسىلا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بارلىق «5ئا» دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى، «4ئا» دەرىجىلىك 50 مەنزىرە رايونى، «3ئا» دەرىجىلىك 62 مەنزىرە رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 120 مەنزىرە رايونىنىڭ ئىشىك بېلىتىنى كەچۈرۈم قىلىشتەك ئېتىباردىن بەھرىمەن بولالايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، يەنە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 200گە يېقىن مىھمانساراي، چاڭغا تېيىلىش مەيدانى، دېھقانلار شادلىقى ئارامگاھى، ئارشاڭ، ساياھەت مال سېتىۋېلىش دۇكانلىرىنىڭ باھادا ئېتىبار بېرىشىگە ئېرىشەلەيدۇ. ھەر بىر بىلەتتىن ئېتىبار بېرىلىدىغان پۇل 10 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا بولىدۇ. شىنجاڭ ساياھىتى يىللىق كارتىسى-- ئاساسلىقى ئۆزلىرى ساياھەتكە چىقىدىغانلارنى نىشان قىلغان بولۇپ، تۇنجى يىللىق تارقىتىلىش سانى 100 مىڭغا يېتىشى مۇمكىن. ھەر بىر كارتا ئارقىلىق قوزغىتىلىدىغان ئىستىمال سوممىسىنى 2 مىڭ يۈەن دەپ ھىساپلىغاندا، 200 مىليون يۈەنلىك ساياھەت ئىستىمالىغا تۈرتكە بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

ئالاقىدار خەۋەرلەر