باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

فرانسىيە گېرمانىيە ئۇكرائىنا رەھبەرلىرى ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى توقۇنۇشنى تىزدىن توختىتىشنى مۇراجەت قىلدى

2015.02.03 15:55         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  فرانسىيە زوڭتۇڭ مەھكىمىسى 1-فېۋرال مۇنۇلارنى جاكارلىدى:فرانسىيە زوڭتۇڭى ھوللاندى، گېرمانىيە زوڭلىسى مېرىكىل ۋە ئۇكرائىنا زوڭتۇڭى پروشىنكو شۇ كۈنى 45 مىنۇت تېلېفونلاشتى. ئۈچ رەھبەر ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى توقۇنۇشنى تىزدىن توختىتىشنى مۇراجەت قىلدى.

  ئۇكرائىنانىڭ سابىق زوڭتۇڭى كوچىما 31- يانۋار بېلورۇسىيىنىڭ پايتەختى مىنىسكىدا مۇنداق دېدى: شۇ كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئۇكرائىنا مەسىلىسى بويىچە ئۈچ تەرەپ بىرلەشمە گۇرۇپپىسى سۆھبىتى ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى ئەل ئىچى قۇراللىق تەشكىلاتى سەۋەبىدىن بۇزۇلدى. ھوللاندى، مېرىكىل ۋە پروشىنكو ئۇكرائىنا ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلىپ، ئۇكرائىنا مەسىلىسى بويىچە ئۈچ تەرەپ بىرلەشمە گۇرۇپپىسىنىڭ مىنىسكى سۆھبىتىنىڭ مەغلۇب بولغانلىقىدىن ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر