باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 5- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى

2015.02.03 14:22         مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلوق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى مەركىزى ئۈگۈنىش گۇرۇپپىسى تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 5- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ۋە ئۈگەندى. ئاپتونوم رايونلوق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجسى، مۇدىرى نەيىم ياسىن يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: «ئاپتونوم رايونلوق پارتكوم ۋە شۇجى جاڭ چۈنشەننىڭ تەلىپى بويىچە، دائىمىي كومىتېت ۋە ئورگاننىڭ پارتىيە ئىستىلى پاكلىق قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك».

  نەيىم ياسىن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتىكى پارتىيە ئىستىلى پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرۈشى دۈچ كېلۋاتقان جىددىي ۋەزىيەتنى چوڭقۇر تونۇپ، باشتىن ئاخىر چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش سىگنالىنىڭ ئۈزۇلۈپ قالماسلىقىقا كاپالەتلىك قىلىپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، ئاگاھلاندۇرۇش تەربىيىسىنى بوشاشتۇرماسلىق لازىم».

  نەيىم ياسىن مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: «سىياسىي تۈزۈم ۋە سىياسىي قائىدىدە چىڭ تۇرۇپ، دائىمىي كومىتېت پارتگۇرۇپپىسى رەھبەرلىرىنىڭ يادرولۇق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دائىمىي كومىتېت قانات يايدۇرغان تۈرلۈك خىزمەتلەر، خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنى، دائىمىي كومىتېت يىغىنى، مۇدىلار يىغىنى قاراپ چىققان تۈرلۈك قارالمىلارنى پارتگۇرۇپپا ئالدىن مۇھاكىمە قىلىشى؛ باشلامچىلىق بىلەن پارتىيە تۈزۈمى ۋە قائىدىسىگە ئەمەل قىلىپ، باشلامچىلىق بىلەن پارتىيەنىڭ مۇددىئاسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ تۈرلۈك بەلگىلىمىلىرىنى ئىجرا قىلىپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ۋە ئاپتونوم رايونلوق پارتكومنىڭ ئون تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى ئەستەيىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشى؛ باشلامچىلىق بىلەن دېمكىراتىيەنى جارى قىلدۇرۇپ، قانۇن بويىچە ئىش بېجىرىپ، پارتىيەنىڭ سىياسەت- ئورۇنلاشتۇرۇلمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى؛ قانۇن بويىچە فۇنكىسىيىسىنى ئادا قىلىپ، ئاپتونوم رايونلوق پارتكومنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشى خىزمىتى ئۈچۈن كۈچ قوشۇشى كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلوق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرىدىن ۋاڭ يوڭمىڭ، ماڭ مىڭچىڭ، تېلېۋالدى ئابدۇرىشىت، دوڭ شىنگۇڭ، نىجات سۇلتان ئۈگۈنىشكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر