باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قەلبى گۈزەل شىنجاڭلىق - خېفىي سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىليار ئىزىز

2015.02.03 14:21         مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىل ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرغان خېفىي سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىليار ئىزىز ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش جەريانىدا دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىپ، «توغراق جامائەت پاراۋانلىق ھەركىتى شەھەرلەر ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى»نى قۇرۇپ چىقىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئائىلىسى نامرات ئوقۇغۇچىلارغا كىيىم- كېچەك ۋە ئوقۇش پۇلى ياردەم قىلدى.

  بۇ يىل 23 ياشقا كىرگەن ئىليار ئىزىزنىڭ ئائىلىسى نامرات بولغانلىقى ئۈچۈن، كىچىك ۋاقتىدا جەمئىيەتنىڭ ياردىمىگە ۋە غەمخورلۇقىغا ئېرىشكەن ھەمدە جەمئىيەتكە مىننەتدارلىقنى بىلدۈرۈش ۋە جاۋاپ قايتۇرۇشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ كەلگەنىدى. 2011-يىلى، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ لوپ ناھىيەسىدە چوڭ بولغان ئىليار ئىزىز يۇرتىدىكى بىر قىسىم بالىلارنىڭ قىشنى چىقىرىشتا، تۈزۈكرەك قېلىن چاپىنىنىڭ يوقلىقىنى ئويلاپ يېتىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: دەسلەپتە بىر قانچە كىيىم- كېچەك ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتلىرىنى ئىزدەپ بارغان بولساممۇ، ئالاقە ئورنىتالمىدىم. بىر قىسىم تورداشلار ماڭا ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە بېرىشنى تەۋسىيە قىلدى. ئۇ چاغلاردا مەن خېفىي شەھىرىنىڭ يوللىرىنى ئانچە بىلىپ كەتمەيتتىم، شۇڭا خەرىتىگە قاراپ يۈرۈپ، 5 مەكتەپكە باردىم. ئالدىدىكى 4 مەكتەپ رەت قىلدى. چۈشتىن كىيىن ئەڭ ئاخىرقى مەكتەپ خېفىي شەھەرلىك 2- ئوتتۇرا مەكتەپكە باردىم، ئۇلار بۇ ئىشقا قوشۇلدى. ئۇلاردىن ئىككى مىڭ قۇردىن كۆپرەك كىيىم- كېچەك يىغدىم، كىرا ھەققىنى ئۆزۈم چىقاردىم ھەمدە بۇكىيىملەرنى خوتەننىڭ لوپ ناھىيەسىگە ئىئانە قىلپ، مەكتەپتە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا تارقىتىپ بىرىشنى ئېيتتىم.

  تۆت يىللىق ئالىي مەكتەپ ھاياتىدا، ئىليار ئىزىزنىڭ تەسىرىدە، ئەنخۈي، بېيجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق جايلاردىكى بىر قىسىم ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۇ قۇرغان «توغراق جامائەت پاراۋانلىق ھەركىتى شەھەرلەر ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمىئىيىتى»گە ئەزا بولۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى خوتەن، قەشقەر قاتارلىق نامرات جايلاردىكى مەكتەپلەرگە پۇل ئىئانە قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بىر يىل جەريانىدا، بىز 80 نەچچە بالىنىڭ ھەر بىرىگە مىڭ يۈەندىن تۇرمۇش ياردەم پۇلى بەردۇق. بۇلتۇر، 10 مىڭ قۇردىن ئارتۇق كىيىم- كېچەك ئىئانە قىلدۇق. بۇ يىل كۇتۇپخانا تۈرىگە 25 مىڭ يۈەن مەبلەغ سالىمىز. تۇنجى تۈركۈمدىكى كىتاپلار قەشقەر پەيزىۋات ناھىيەسىنىڭ قوشئاۋات يىزىسىدىكى مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتىپىگە ئىۋەتىپ بېرىلدى. ھازىر، توغراق جامائەت پاراۋانلىق ھەركىتى شەھەرلەر ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمىئىيىتى» رەسمىي تىزىمغا ئالدۇرۇلۇپ، بېيجىڭ، شاڭخەي، نەنجىڭ، تىيەنجىن، نىڭبو قاتارلىق شەھەرلەردە بىرلا ۋاقىتتا بۇ پائالىيەت ئىلىپ باردى. مەن تېخىمۇ كۆپلىگەن ئادەملەرنىڭ توغراق جامائەت پاراۋانلىق ھەركىتى شەھەرلەر ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمىئىيىتى»گە قاتنىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر