باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«رەقەملىك ئىنتېرنېت تورىغا ئىگە شىنجاڭ» قۇرۇش ئىلگىرى سۈرۈلىىدۇ

2015.02.03 14:18         مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇلتۇر 11- ئاينىڭ 23- كۈنى، ئەلى بابا گۇرۇھى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى «رەقەملىك ئىنتېرنېت تورىغا ئىگە شىنجاڭ» نى ئورتاق قۇرۇش مەقسىدىدە ستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق رامكا كېلىشىمى ئىمزالىغانىدى. ئەلى بابا گۇرۇھى تۈنۈگۈن چۈشتن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 40 تىن كۆپرەك كارخانا بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، قانداق قىلغاندا چوڭ سانلىق مەلۇمات ئامبىرى قۇرۇپ چىققىلى بولىدىغانلىقىنى بىرلىكتە مەسلىھەتلەشتى.

  بۇنىڭ ئالدىدا ئىمزالانغان ستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق رامكا كېلىشىمى بويىچە، ئەلى بابا كۆپ مەنبەلىك كەسىپلەر تەرەققىياتى ئۈستۈنلۈكى ۋە بۇلۇتسىمان ھېسابلاش چوڭ سانلىق ئامبىرى، ئېلېكترونلۇق سودا قاتارلىق ساھەلەردىكى يادرولۇق تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، «رەقەملىك ئىنتېرنېت تورىغا ئىگە شىنجاڭ» قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. سۆھبەت يىغىنىدا، ئەلى بابا گۇرۇھىنىڭ مۇئاۋىن باش لىدىرى لياڭ چۇنشياۋ چوڭ سانلىق مەلۇمات ئامبىرى قۇرۇپ چىقىش تەسەۋۋۇرى ئەندىزىسى، شىنجاڭنىڭ ئېلېكترونلۇق سودا كەسپى تەرەققىياتىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق تېمىلار بويىچە 40 تىن كۆپرەك كارخانىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى. لياڭ چۇنشياۋ مۇنداق دېدى: ئەلى بابانىڭ 10 نەچچە يىللىق مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىسى شۇنى چۈشەندۈردىكى، شىنجاڭدا ئىنتېرنېت تورى چوڭ سانلىق مەلۇمات ئامبىرى قۇرۇلسا، ھەر مىللەت ئاممىسى سانلىق مەلۇمات ئامبىرىنىڭ قولايلىقىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولىدۇ. «رەقەملىك ئىنتېرنېت تورىغا ئىگە شىنجاڭ» قۇرۇش نىشانىغا يېتىشكىمۇ ئاز قالدى.

  چوڭ سانلىق مەلۇمات ئامبىرى تەسەۋۋۇر ئەندىزىسىنىڭ قوللىنىلىشى شىنجاڭ لىئەن ئۇچۇر تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى گو شيەننى يېڭى تەسەۋۋۇرغا ئىگە قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئېلېكترونلۇق سودا ئەندىزىسىدە بىز ھەر ئايدا 1 مىليون 800 مىڭدىن كۆپرەك ئادەمگە مۇلازىمەت قىلىمىز، 7 يىلدا بىز ئىنتايىن زور مىقداردا سانلىق مەلۇماتلارنى توپلىدۇق، لېكىن بىزنىڭ چوڭقۇز قېزىپ چىقىشىمىز، ئانالىز قىلىشىمىز ۋە پايدىلىنىشىمىز يېتەرلىك ئەمەس. بىز سانلىق مەلۇماتلارنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق، كىشىلەرنىڭ ئۆيدىن چىقماي تۇرۇپلا ئەلگە قولايلىق ۋە پايدىلىق مۇلازىمەت ئىقتىدارلىرىدىن بەھرىمان بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر