شۇ يەر ۋاقتى 30-يانۋار، ئەنگلىيەدە ئەنگلىيەنىڭ سابىق باش ۋەزىرى چېرچىلنىڭ دەپنە مۇراسىمىنىڭ 50 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى
ئەنگلىيە ‹‹كۈندىلىك پوچتا گېزىتى›› تورىنىڭ 30-يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ يەر ۋاقتى 30-يانۋار، ئەنگلىيەدە ئەنگلىيەنىڭ سابىق باش ۋەزىرى چېرچىلنىڭ دەپنە مۇراسىمىنىڭ 50 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈپ، 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە دۆلەت ئۈچۈن گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان بۇ ئۇلۇغ داھىيغا پۈتۈن مەملىكەت بويىچە تەزىيە بىلدۈرۈلگەن.
چېرچىلنىڭ ئەۋرىسى راندولف چېرچىل بىلەن نەۋرە قىزى سېلىيا ساندېس لوندون پارلامېنت بىناسى سىرتىغا جايلاشقان چېرچىلنىڭ ھەيكىلىگە گۈلچەمبىرەك قويغان، بۇنىڭ بىلەن خاتىرىلەش پائالىيىتى رەسمىي باشلانغان. ئاۋام پالاتاسى پارلامېنت ئەزالىرى زالىدىكى چېرچىنىڭ يەنە بىر ھەيكىلىنىڭ ئالدىدا، ئەنگلىيەنىڭ ھازىرقى باش ۋەزىرى كامېرون تەزىيە سۆزى قىلغان، ئۇ ئەنگلىيە خەلقىنىڭ داھىي چېرچىلنى تولۇپ-تاشقان ھېسسىيات بىلەن ئەسلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەمدە ئەنگلىيە خەلقىنى چېرچىلنىڭ دۆلەت ئۈچۈن قوشقان ئۇلۇغ تۆھپىسىنى مەڭگۈ ئەستىن چىقارماسلىققا چاقىرىق قىلغان. ئارقىدىنلا نەق مەيداندىك باشقا رەھبەرلەرمۇ ئارقا-ئارقىدىن تەزىيە سۆزى قىلغان.