باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«قارا تېلېفون كارتىلىرى» نى مەخسۇس تەرتىپكە سېلىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇلدى

2015.02.03 14:12         مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق ئۇچۇر- ئالاقە ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى، سودا- سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى تۈنۈگۈن تېلېۋىزىيە- تېلېفون يىغىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە بىر يىل داۋام قىلىدىغان «قارا تېلېفون كارتىلىرى» نى مەخسۇس تەرتىپكە سېلىش ھەرىكىتىنى بىرلىكتە قانات يايدۇرىدىغانلىقىنى قارار قىلدى.

  بۇ قېتىمقى مەخسۇس ھەرىكەتتە، ئاساسلىق تېلېگراف كارخانىلىرى ۋە كۆچمە خەۋەرلىشىش كارخانىلىرىدىن توردا سېلىشتۇرۇش، 2- ئەۋلاد كىملىكنى پەرقلەندۈرۈش ئۈسكۈنىسىنى سەپلەش ۋە ئىشلىتىش، مەخسۇس كۆچمە خەۋەرلىشىشتە ئىشلىتىلىدىغان تەرتىپ قاتارلىق تېخنىكىلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، يېڭىدىن تورغا كىرگەن ئابونىچىلارنىڭ كىملىك ئۇچۇرىنى سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، مەنبەدىن «قارا تېلېفون كارتىسى» پەيدا بولۇپ قالماسلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەلەپ قىلىندى. 2013- يىلى 9- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن بۇرۇن تورغا كىرگەن، لېكىن ھەقىقىي ئىسمىنى قوللانمىغان كونا ئابونىچىلارغا قارىتا، ئاساسىي تېلېگراف كارخانىلىرى يېڭى كەسىپلەرنى بىجىرگەندە، تېلېفون كارتىسىنى ئالماشتۇرغاندا، قانۇن بويىچە تولۇقلاپ تىزىمغا ئېلىشى كېرەك. لېكىن تولۇقلاپ تىزىملىغاندا، تېلېگراف شىركەتلىرى ئۆز ئالدىغا خالىغانچە ئۇلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئېغىرلاشتۇرۋەتمەسلىكى، ئابونىچىلاردىن يۈرۈشلۈك مۇلازىمەت كەسپىنى بىجىرىشنى تەلەپ قىلماسلىقى كېرەك.مەخسۇس ھەرىكەتتە، جايلاردىكى ئۇچۇر- ئالاقە ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىشخانىلىرىدىن ئۆز جايىدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى، سودا- سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئورگانلىرى بىلەن بىرلىكتە قانۇن ئىجرا قىلىش، تەكشۈرۈشتە ھەمكارلىق مېخانىزمى ئورنىتىپ، جەمئىيەتتىكى سېتىش يوللىرى ۋە كۆچمەن سېتىقچىلارنىڭ ھەقىقىي ئىسمى ئىشلىتىملىگەن تېلېفون كارتىسىنى سېتىش، باشقىلارنىڭ كىملىك ئۇچۇرىدىن ئوغرىلىقچە پايدىلىنىپ يالغاندىن تىزىملىتىش قاتارلىق بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى تەكشۈرۈش سالمىقىنى زورايتىش تەلەپ قىلىندى. قانۇن ئىجرا قىلىش، تەكشۈرۈش ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى دېلو بىجىرىش خىزمىتىدە بايقالغان «قارا تېلېفون كارتىلىرى» غا قارىتا، ئۇچۇر- ئالاقە ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى تېلېگراف كارخانىلىرىغا دەرھال تاقاشقا بۇيرۇشى ھەمدە «قارا تېلېفون كارتىسى» پەيدا بولغان يولنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر