باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

5-فېۋرالدىن باشلاپ دۆلەت ئىچى ئاۋىياتسىيە يېقىلغۇ قوشۇمچە ھەققى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ

2015.02.03 12:14         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت ئىچىدىكى ھەر قايسى ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى 5-فېۋرالدىن باشلاپ دۆلەت ئىچى ئاۋىياتسىيە يېقىلغۇ قوشۇمچە ھەققى يىغىشنى ئەمەلدىن قالدۇرىدىكەن.

  مۇخبىرنىڭ 2-فېۋرال جەنۇبىي ئاۋىياتسىيە شىنجاڭ شۆبە شىركىتى، شىيامېن ئاۋىياتسىيەسى قاتارلىق ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىدىن ئىگىلىشىچە، دۆلەت ئىچى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە قاتنايدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ يېقىلغۇ قوشۇمچە ھەققى 5-فېۋرالدىن باشلاپ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، 5-فېۋرالدىن بۇرۇن ئايروپىلان بېلىتى سېتىۋالغان يولۇچىلارنىڭ يېقىلغۇ قوشۇمچە ھەققى قايتۇرۇلمايدىكەن.

  مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلىدە، 800 كىلومېتىر ئىچىدىكى ئۇچۇش بۆلىكىدە ھەر بىر يولۇچىنىڭ ئاۋىياتسىيە يېقىلغۇ قوشۇمچە ھەققى 70 يۈەن، 800 كىلومېتىردىن ئاشقان ئۇچۇش بۆلىكىدە ھەر بىر يولۇچىنىڭ ئاۋىياتسىيە يېقىلغۇ قوشۇمچە ھەققى 120 يۈەن بولغان.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى تەڭشەشتىن كېيىن يولۇچىلار ئايروپىلان بېلىتى سېتىۋالغاندا 50 يۈەن ئايرودۇرۇم قۇرۇلۇش ھەققى تاپشۇرسىلا بولىدىكەن. 5-فېۋرالدىن كېيىن يولۇچىلار شىنجاڭ ئىچىدە قىسقا ئارلىقىتا قاتنايدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ بېلىتنى سېتىۋالغاندا 70 يۈەننى ئاز خەجلەيدىكەن. شىنجاڭدىن ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە قاتنايدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە ئۇچۇش بۆلىكى 800 كىلومېتىردىن ئاشقانلىقى ئۈچۈن، يولۇچىلار ئىچكىرىدىكى ھەر قانداق بىر شەھەرگە بېرىش ئۈچۈن بۇلتۇرقىغا قارىغاندا 120 يۈەننى ئاز خەجلەيدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر