باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

مەركەزنىڭ يەرلىكنىڭ يۆتكەپ چىقىم قىلىش تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش پىكرى تارقىتىلدى

2015.02.03 16:01         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا گوۋۇيۈەن مەركەزنىڭ يەرلىكنىڭ يۆتكەپ چىقىم قىلىش تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى پىكرىنى تارقىتىپ، مەركەز ۋە يەرلىكنىڭ يۆتكەپ چىقىم قىلىش تۈزۈمىدە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر ھەمدە يېتەرسىزلىكلەرگە قارىتا، يۆتكەپ چىقىم قىلىش تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر، ئاساسىي پرىنسىپ ۋە ئاساسلىق تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  يېتەكچى پىكىردە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: يۆتكەپ چىقىم قىلىش تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشتە زامانىۋى مالىيە تۈزۈمى ئورنىتىشنى چۆرىدەپ، رايونلار ئارىسىدىكى ئاممىۋى مۇلازىمەتنى باراۋەرلەشتۈرۈشنى ئاساسى نىشان قىلىپ، يۆتكەپ چىقىم قىلىشنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. مەركەز ۋە يەرلىكنىڭ ئاكتىپلىقىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىقتىساد جەمئىيەتنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى كۈچەيتىش، ئىش ھوقۇقىنى مۇۋاپىق تەقسىملەش، ئېنىقلاپ بىر تۇتاش قېلىپلاشتۇرۇش،بازارنىڭ تەقسىملىشىنى ئاساس قىلىش، مەبلەغ باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇش قاتارلىق بەش ماددىلىق ئاساسى پرىنسىپقا ئەمەل قىلىش لازىم.

  پىكىردە يەنە يۆتكەپ چىقىم قىلىش تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشتىكى كونكرېت تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. پىكىردە مۇنۇلار تەكىتلەندى: مەركەزنىڭ يەرلىكنىڭ يۆتكەپ چىقىم قىلىش تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى مالىيە باج تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى بولۇپ، چېتىلىش دائىرىسى كەڭ، سىياسەتچانلىقى كۈچلۈك، مەنپەئەتنىڭ تەڭشىلىشى يۇقىرى. جايلار ۋە تارماقلار يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئالاقىدار ئىسلاھات خىزمەتلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش لازىم.

  

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر