چۇڭچىڭ شەھىرىدىكى ھەر قايسى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە يېقىندا مەۋسۇملۇق ئىمتىھان باشلاندى ، چۇڭچىڭ يۈسەي ئوتتۇرا مەكتىپى تولۇق 3-يىللىق ئوقۇغۇچىلىرى ئىمتىھاننى كۈتۈۋېلىش بىلەن بىرگە، يەنە يېڭىچە ئاسسىستېنتلارنىمۇ كۈتۈۋالدى ـــ يەنى ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى ئىمتىھاندا ئاسسىستېنت بولدى. ھەربىر مەيدان، ھەر قېتىملىق ئىمتىھاندا ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى مۇئەللىم بىلەن بىرگە ئاسسىستېنت بولدى. ئىككى كۈنلۈك ئىمتىھاندا پۈتۈن يىللىق بويىچە جەمئىي 176 نەپەر ئاتا-ئانا ئىمتىھاننىڭ ئاسسىستېنتلىق خىزمىتىگە قاتناشتى.