باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدىن قازاقىستانغا بارىدىغان خەلقئارا كونتېينېرلىق پويىز نورمال، بازارلاشقان ئايلىنىشنى ئىشقا ئاشۇردى

2015.02.03 14:13         مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىر قانچە كۈن ئىلگىرى، 2 مىڭ 500 توننىدىن كۆپرەك پولات ماتىرىياللىرى قاچىلانغان «غەربكە ماڭغان خەلقئارا يۈك ترانسپورت پويىزى» ئۈرۈمچى «1- ئاۋغۇست» پولات- تۆمۈر چەكلىك شىركىتىنىڭ يېڭىدىن قۇرۇلغان پولات ماتىرىياللىرى ئامبىرىدىكى مال مەنبە بېكىتىدىن قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىگە يېتىپ باردى. بۇ ئاپتونوم رايونىمىزدا ئىشلەپچىقىرىلغان پولات ماتىرىياللىرىنىڭ تۇنجى قېتىم مەخسۇس پويىز ئارقىلىق دۆلەت دەرۋازىسىدىن ئېلىپ چىقىلىشى ھىسابلىنىدۇ. باۋشەن پولات- تۆمۈر گۇرۇھىنىڭ «1- ئاۋغۇست» پولات- تۆمۈر چەكلىك شىركىتى سودا بۆلۈمىنىڭ دېرىكتورى ۋاڭ شۆبىن مۇنداق دېدى: 51 سائەتتىن 53 سائەتكىچە بولغان ئارىلىقتا، مەھسۇلاتىمىز خېرىدارلارنىڭ قولىغا يەتكۈزۈپ بېرىلىدۇ. دېمەك بىزنىڭ رىقابەت ئىقتىدارىمىز تېخىمۇ ئاشتى، دېسەك بۇلىدۇ.

  بۇلتۇردىن ھازىرغىچە، يولغا قۇيۇلغان 60 نەچچە «غەربكە ماڭغان خەلقئارا يۈك ترانسپورت پويىزى»دا، ئورۇننى بېكىتىش، لىنىيەنى بېكىتىش، پويىز قېتىم سانىنى بېكىتىش، ۋاقىتنى بېكىتىش، باھانى بېكىتىشتىن ئىبارەت «بەش بېكىتىلگەن پويىز» توشۇش ئۇسۇلى قوللىنىلغان. پۈتۈن لىنىيە بويىچە توشۇش ۋاقتى ئەسلىدىكى 15 كۈندىن 2 كۈندىن 3 كۈنگىچە قىسقارتىلغان بولۇپ، توشۇش ئۈنۈمى زور دەرىجىدە ئېشىپ، كارخانا مەھسۇلاتلىرىنىڭ خەلقئارا بازارغا كىرىشىگە قۇلايلىق شارائىت يارىتىپ بېرىلدى. بۇلا ئەمەس، غەربكە ماڭىدىغان يۈك پويىزىنىڭ توشۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ كارخانىلارنى جەلپ قىلىش ئۈچۈن، كۈيتۈندىن گىروزىيىگە بارىدىغان نۆۋەتچى پويىزدا تەۋە رايوننى ئىلتىماس قىلىش، چېگرا ئېغىزىدا تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزىۋېتىش ئەندىزىسى قوللىنىلغان بولۇپ، ئايلىنىش ۋاقتى كۆزلىگەن نىشاندىن زور دەرىجىدە قىسقارتىلدى. كۈيتۈن شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، كۈيتۈن شەھىرىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باشلىقى چېڭ دىكۈن مۇنداق دېدى: بىز كۈيتۈننىڭ باجدىن خالىي ماددىي ئوبورۇت مەركىزى قۇرۇشىغا تايىنىپ، ئىمپورت- ئېكىسپورت ماللىرى جۈملىدىن ئاپتونوم رايونىمىز ۋە پۈتكۈل مەملىكەتنىڭ ماللىرىغا قارىتا بىر قېتىملا ئىلتىماس قىلىش، بىر قېتىملا تەكشۈرۈش، بىر قېتىمدىلا ئۆتكۈزىۋېتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، تۈرلۈك كارخانىلارنىڭ تاشقى سودىنى قانات يايدۇرۇشىغا بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ياۋرۇپا سودىسىغا يۈزلىنىشىگە قۇلايلىقلىق يارىتىپ بەردۇق.

  نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزدىن قازاقىستانغا بارىدىغان خەلقئارا كونتېينېرلىق پويىز نورمال، بازارلاشقان ئايلىنىشنى ئىشقا ئاشۇردى. ئاپتونوم رايونىمىز يەنە كورلا - تۈركىيە مەرسىن خەلقئارا يۈك ترانسپورت پويىزىنى سىناق تەرەققىسىدە يولغا قۇيۇپ، تۈركىيىگە ۋىسكوزا تالا ئېكىسپورت قىلدى ھالبۇكى كۈيتۈندىن گىروزىيىگە بارىدىغان خەلقئارا يۈك ترانسپورت پويىزىدا ئاساسلىقى شىنجاڭنىڭ بىناكارلىق قۇرۇلۇش ماتىرىياللىرى، پولات ماتىرىياللار، كۈندىلىك تۇرمۇش بويۇملىرى، ئائىلە ئېلېكتر سايمانلىرى كاۋكاز رايونىغا توشۇلىدۇ. شىنجاڭ يولغا قويغان خەلقئارا يۈك ترانسپورت پويىزىدا دەسلەپكى قەدەمدە كۆپ نوقتىدا ئىش باشلاش، كۆپ لىنىيىدە يولغا قويۇش، كۆپ نوقتىدا مەنزىلگە يېتىش قاتارلىقلار ئىشقا ئاشۇرۇلدى. ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد- ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى پېڭ جى مۇنداق دېدى: كۆپ نوقتا، كۆپ لىنىيە ئەۋزەللىكى شىنجاڭنى كەلگۈسىدە ئاسىيا - ياۋرۇپا مەھسۇلاتلىرىنى توپلاش مەركىزىگە ئايلاندۇرۇپ، بىزنىڭ ئالاھىدە، ئەۋزەل كەسپىمىزنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەھسۇلاتلىرىمىزنىڭ بىخەتەر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، تۆۋەن تەننەرختە ئوتتۇرا شەرق ۋە ياۋرۇپا بازارلىرىغا كىرىشىگە تۈرتكە بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر