خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ2-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2014 –يىللىق CCTV تەنتەربىيە ساھەسىدىكى داڭلىق شەخسلەرنى يىللىق باھالاش تۈنۈگۈن كەچ بېيجىڭ ۋۇ كېسوڭ تەنتەربىيە سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. ئۆتكەنكى بىر يىلدا، جۇڭگو تەنتەربىيە ئەزمەتلىرىنىڭ سوچى قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى، نەنجىڭ ياشلار ئولىمپىك مۇسابىقىسى، رېنچۈەن ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، ھەم دۇنيا ئاياللار ۋالىبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى،دۇنيا گىمناستىكا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى قاتارلىق چوڭ مۇسابىقىلەردە ئىپادىسى ئالاھىدە بولغانلىقتىن، بۇ قېتىمقى مۇكاپات تۈرلىرىنىڭ رىقابىتى ئىنتايىن كەسكىن بولدى.
نىڭ زېڭتاۋ ئەڭ ياخشى ئەر تەنھەرىكەتچى مۇكاپاتىغا، لى نا ئەڭ مۇنەۋۋەر ئايال تەنھەرىكەتچى ۋە باھالاش ئۆمىكى مۇكاپاتىغا، لاڭ پىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر تېرىنىر مۇكاپاتىغا، جۇڭگو ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى ئەڭ مۇنەۋۋەركوماندا مۇكاپاتىغا، جاڭ خوڭ بۆسۈش مۇكاپاتىغا، يۈەن شىنيۆ ئەڭ مۇنەۋۋەر يېڭى تەنھەرىكەتچى مۇكاپاتىغا، چېن شىۋېي، شىيې جېنۋېي، سۇ بىڭتىيەن، جاڭ پېيمېڭلار ئەڭ مۇنەۋۋەر گۇرۇپپا مۇكاپاتىغا، چېن پېنبىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر ئولىمپىك تۈرى ئەمەس تەنھەرىكەت تەنھەرىكەتچىسى مۇكاپاتىغا، دەي جىيەنروڭ نامسىز شەخس تەنتەربىيە روھى مۇكاپاتىغا، جۇڭگو ئاياللار چاقلىق ئورۇندۇق ۋاسكېتبول كوماندىسى مېيىپلار تەنھەرىكەت روھى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى