باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سەئۇدى ئەرەبىستانى پادىشاھ سالماننىڭ يېتەكچىلىكىدە قايسى يۆلىنىشكە قاراپ مېڭىدۇ؟

2015.02.02 16:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  27-يانۋار، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما ھىنىدىستاندىكى زىيارىتىنىڭ ۋاقتىنى قىسقارتىپ، سەئۇدى ئەرەبىستانىدا تەخمىنەن 4 سائەت زىيارەتتە بولدى، بۇ ئارىلىقتا ئۇ ئەسۇدى ئەرەبىستانىنىڭ يېڭىدىن تەخىتكە چىققان پادىشاھى سالمان بىلەن كۆرۈشتى.

  ئىككى دۆلەتنىڭ باشلىقلىرى ئەسەبىي تەشكىلات ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتىگە زەربە بېرىش، يەمەن ۋەزىيىتى، ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى ۋە سۈرىيە كىرىزىسى قاتارلىق مۇھىم قارالمىلار توغرىسىدا مەسلىھەتلەشتى. ئوباما سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن داۋاملىق قويۇق ئالاقىنى ساقلاشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى مۇھىم دۆلەت بولغان سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ كەلگۈسىدە يېڭى پادىشاھ سالماننىڭ يېتەكچىلىكىدە قايسى يۆلىنىشكە قاراپ مېڭىشى سىرتتىكىلەرنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى قوزغىماقتا.

  تەھلىلچىلەرنىڭ ھېسابلىشىچە، خەلقئارالىق ھەمكارلىق ئورنىتىش سالمان تەختكە چىققاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى بولىدىكەن. ئىراننىڭ سابىق پادىشاھ ئابدۇللانىڭ دەپنە مۇراسىمىغا ۋەكىل ئەۋەتىشى ئىراننىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشىلىشىدىكى ئىجابىي سېگنال دەپ ھېسابلاندى، سىرتتىكىلەر سالمان بۇنىڭغا پائال ئىنكاس قايتۇرىدۇ دەپ، مۆلچەرلىدى. تەھلىلچىلەرنىڭ ھېسابلىشىچە، سالمان ئىران بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئەسەبىي تەشكىلات ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتىنىڭ تەھدىتىگە بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇش مۇمكىنچىلىكى ئۈستىدە ئويلىشىۋېتىپتۇ.

  ئوباما تاراقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئېيتقىنىدەك، ئىنتايىن مۇرەككەپ ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسىنى ھەل قىلشتا، سەئۇدى ئەرەبىستانى ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدۇ. خەلقئارالىق ھەمكارلىق ئورنىتىش سالماننىڭ دۆلەت ئىچىنىڭ مۇقىم تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىشىنىڭ ئالدىنقى شەرتى بولۇشى مۇمكىن.

  مۇقىم نېفىت سىياسىتىنى ساقلاش سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ يېڭى پادىشاھىنىڭ يەنە بىر مۇھىم تەدبىرى بولۇشى مۇمكىن. سالمان تەختكە چىققاندىن كېيىن نەيىمنى داۋاملىق نېفىت مىنىستىرى قىلدى، بۇ سالماننىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ خەلقئارا نېفىت بازىرىدىكى باشلامچىلىق رولىنى داۋاملىق ساقلايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ھازىر نېفىت باھاسى داۋاملىق تۆۋەن بولماقتا، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئۆزىنى ساقلاپ قېلىشى ناھايىتى تەس. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ ۋەزىيىتى قالايمىقانلىشىپ كەتتى، سەئۇدى ئەرەبىستانى زور مەبلەغ سېلىپ دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە پاراۋانلىقنى ياخشىلاشقا ئىشلەتتى، ھالبۇكى بۇ زور مەبلەغ نېفىت كىرىمىدىن كەلدى. 2010-يىلدىن 2013-يىلغىچە، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مالىيە چىقىمى %52 ئېشىپ، 265 مىليارد 200 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشچە، ھەر بىر باك نېفىت باھاسى 90 ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەندە، سەئۇدى ئەرەبىستانى ئاندىن خامچوت تەڭپۇڭلىقىنى ساقلىيالايدىكەن. سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ھازىرقى تۆۋەن نېفىت باھاسىغا ئارىلىشىش تەدبىرى قوللانماسلىقىدىكى سەۋەب، ئۇلارنىڭ يەنىلا بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى بار. سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئەمەلدارى ئىلگىرى: سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئىقتىسادى نېفىت باھاسى تۆۋەنلىگەن ئەھۋالدا يەنە ئىككى بەرداشلىق بېرەلەيدۇ، دېگەن. لېكىن بىر باك نېفىت باھاسى ئۇزاق مۇددەت 50 ئامېرىكا دوللىرىدا تۇرىۋەرسە، بۇ جەزمەن سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئىقتىسادىغا بىر قەدەر زور پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىدۇ.

  يەنە بىر تەرەپتىن، نۇرغۇن ساھەلەردە ئسىلاھات ئېلىپ بېرىش سالماننىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يۆلىنىشى بولۇشى مۇمكىن. 26-يانۋار، رىياتتا ئېچىلغان 8-نۆۋەتلىك خەلقئارا رىقابەت ئىقتىدارى مۇنبىرىدە، سەئۇدى ئەرەبىستانى ئىقتىساد ۋە پىلان مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى غەشىر: سەئۇدى ئەرەبىستانى ئىختىساسلىقلارغا جىددىي ئېھتىياجلىق، يېڭى تېخنىكا قوللىنىپ ھازىرقى ئىسراپچىلىق ئەھۋالىنى ياخشىلايمىز، سەئۇدى ئەرەبىستانىدا %75 ئىش ئورنى ھۆكۈمەت تارماقلىرىغا مەركەزلىشىپ قالدى، بۇ بىنورمال ئەھۋال. ياشلار تېخىمۇ جانلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىگە مۇھتاج، دېگەن.

  بۇندىن باشقا، سالمان ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق پادىشاھلىق ھوقۇققا ۋارىسلىق قىلىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشى كېرەك. ئۇ دۆلەت قۇرۇغۇچى پادىشاھ ئابدۇللا ئەزىزنىڭ ئۈچىنچى ئەۋلادىنى ۋارىس قىلىپ كۆرسەتتى، ھوقۇقنىڭ سىلىق ئۆتۈشىگە قانداق يول ھازىرلاش ئۇ دۇچ كېلىدىغان خېلى قىيىن مەسىلە بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر