باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

موسكۋادىكى يۈز يىللىق كۇتۇپخانا ئوت ئاپىتىگە ئۇچرىدى نۇرغۇن قەدىمى كىتابلار كۆيۈپ كەتتى

2015.02.02 18:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ2-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: « بۇ روسىيە ئىلىم پەن ساھەسىدىكى چىرنوبىل ۋەقەسى»، روسىيە پەنلەر ئاكادىمىيسىنىڭ باشلىقى ۋىلادىمىر فېرتوف 31- يانۋار موسكۋا ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيسى ئۇچۇر تەتقىقاتخانىسى كۇتۇپخانىسىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىنىڭ ئىلىم پەن ساھەسىگە كەلتۈرگەن زىيىنى توغرىسىدا مۇشۇنداق دەپ ئاھ ئۇردى. روسىيە «سەھەر گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئۇلۇغ ئوت 10 نەچچە سائەت داۋاملاشقان، 1 –فېۋرال چۈشتە ئاران ئۆچۈرۋېلىنغان. ئوت 2000 كۋادرات مېتىرغا يامراپ، كۇتۇپخانىنىڭ ئۈچىنچى قەۋىتى پۈتۈن كۆيۈپ كەتكەن، تورۇس ئۆرۈلۈپ چۈشكەن. دەسلەپكى تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا، ئوت ئاپىتى بەلكىم ئۈچىنچى قەۋەتتىكى بىر ئۆينىڭ توك يولىنىڭ ماس بولۇپ قېلىشدىن كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىنكەن. بۇ يېقىنقى 20 يىلدىن بۇيان ھەر قايسى ئەللەر كۇتۇپخانىسىدا يۈز بەرگەن ئەڭ چوڭ بىر قېتىملىق ئوت ئاپىتى، ئالدىنقى قېتىملىقى 1992 –يىلى بوسنىيە-گېرتسېگوۋېنا جۇمھۇرىيىتى دۆلەتلىك ئۇنۋېرسىتىتى كۇتۇپخانىسىدا يۈز بەرگەن.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر