خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ2-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەسەبىي تەشكىلات « ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى» 20- يانۋار ۋىدىئو ئېلان قىلىپ، ياپونىيە 72 سائەت ئىچىدە 200 مىليون ئامېرىكا دوللىرى قايتۇرۇۋېلىش پۇلى تۆلەشنى تەلەپ قىلىپ، بولمىسا ياپونىيەلىك ئىككى نەپەر تۇتقۇن گوتو كېنجى ۋە يۇكاۋا خارۇكانانى ئۆلتۈردىغانلىقىنى ئېيتقان. 24- يانۋار، « ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى»نىڭ مۇناسىۋەتلىك تورى رەسىم ۋە ۋىدىئو چىقىرىپ، يۇكاۋا خارۇكانانىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى كۆرسەتكەن. 1- فېۋرال، « ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى» گوتو كېنجىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىك ۋىدىئوسىنى ئاشكارىلىدى. ياپونىيە ھۆكۈمىتى تۇتقۇن ۋەقەسىدە پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سالدۇق دېگەن بولسىمۇ، ياپونىيە ئىچىدىكى ئاز بولمىغان پىكىرلىكلەر، ئابى شىنزونىڭ ئوتتۇرا شەرقنى زىيارەت قىلىپ، ئىلگىرى سۈرگەن ئاتالمىش « ئاكتىپ تىنچلىق سىياسىتى» بىۋاسىتە ۋە ياكى ۋاسىتىلىك ھالدا تىراگىدىيەنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەب بولدى، دەپ قارىدى.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى