باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يەرلىكنىڭ «ئىككى يىغىنى» دا كادىرلارنى تەڭشەش زىچ بولدى، 48 ئۆلكە باشلىقى-مىنىستىرلىك دەرىجىلىك ئەمەلدار ۋەزىپە ئۆتەشكە باشلىدى

2015.02.03 08:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۆتكەن بىر ئايدا، مەملىكەت بويىچە 28 ئۆلكە «ئىككى يىغىن» ئۆتكۈزدى، بۇلارنىڭ ئىچىدە خېنەن، سەنشى ئۆلكىسى «ئىككى يىغىن» نى ئېچىۋاتىدۇ، خەينەن، جىلىن، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىرى «ئىككى يىغىن» نى پات ئارىدا ئۆتكۈزىدۇ.

  چىرىكلىككە قاشى تۇرۇش دولقۇنىدىن كېيىن كادىرلارنىڭ ئورنىدا بوشلۇق پەيدا بولغان ھەم بەزى ئەمەلدارلارنىڭ يېشى «60 ياش» لىق چەككە بېرىپ قالغان ئارقا كۆرۈنۈشتە، يەرلىكنىڭ «ئىككى يىغىن» نىدا كادىرلار تەڭشەش ناھايىتى زىچ بولدى.

  «شىنجىڭ» گېزىتى مۇخبىرىنىڭ ئىستاستىكىسىغا قارىغاندا، ھازىرغا قەدەر، جايلاردا 48 ئۆلكە باشلىقى-مىنىستىر دەرىجىلىك كادىرنىڭ ئورنى تەڭشەلگەن. بۇنىڭ ئىچىدە، يۈننەن، تيەنجىن، سىچۈەن، شىنجاڭدىن ئىبارەت تۆت جاينىڭ تۆت چوڭ بەنزىسىنىڭ بىرىنچى قول باشلىقى تەڭشەلگەن. ھازىر خېنەن، سەنشى، گۇاڭدۇڭدىن باشقا، خەلق قۇرۇلتىيى ۋە سىياسىي كېڭەشنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىك ئورنىدا چىرىكلىككە قاشى تۇرۇش سەۋەپلىك پەيدا بولغان بوشلۇق تولدۇرۇلغان.

  بۇ قېتىملىق كادىرلارنى تەڭشەشتە، سىياسىي كېڭەش سىستېمىسىدىكى قىسمەن ئەمەلدارلار ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتى ياكى ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى قاتارلىق مۇھىم ۋەزىپىلەرگە قويۇلغان. مەسىلەن، فۇجيەن ئۆلكىلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىدىن بوشىغان لېي چۈنمېي فۇجيەن ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسىلىقىغا تەيىنلىنىپ، بىرلىكە سەپ مىنىستىرىلىق ۋەزىپىسىنى قوشۇمچە ئۈستىگە ئالغان.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر