باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

تامۇژنا باش مەھكىمىسىنىڭ شىنجاڭنىڭ ئېچىۋېتىش تىپىدىكى ئىقتىسادىي تەرققىياتىنى قوللاش سىياسىتى بويىچە لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

2015.02.03 14:16         مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تامۇژنا باش مەھكىمىسىنىڭ شىنجاڭنىڭ ئېچىۋېتىش تىپىدىكى ئىقتىسادىي تەرققىياتىنى قوللاش سىياسىتى بويىچە لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتى تۈنۈگۈن ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. تامۇژنا باش مەھكىمىسى بۇلتۇر 12- ئاينىڭ 11- كۈنى باش مەھكىمە ئېلان قىلغان «شىنجاڭنىڭ ئېچىۋېتىش تىپىدىكى ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى قوللاشقا ئالاقىدار بىر قانچە پىكرى» نى تەشۋىق قىلدى، چۈشەندۈردى.

  «شىنجاڭنىڭ ئېچىۋېتىش تىپىدىكى ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى قوللاشقا ئالاقىدار بىر قانچە پىكرى» جەمئىي 4 چوڭ تۈر بويىچە 25 ماددا بولۇپ، نوقتىلىق ھالدا شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، قولاي يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان تامۇژنىدىن ئۆتكۈزۈش مۇھىتى يارىتىش، سىياسەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش قاتارلىق 3 تەرەپتىكى مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى تامۇژنىسى «بىر قانچە پىكىر» دىكى تەلەپ بويىچە، تامۇژنىدىن ئۆتكۈزۈش مەشغۇلاتىنى قەغەزسىزلەشتۈرش ئىسلاھاتىنى شىنجاڭدا ئومۇمۈزلۈك يولغا قويدى. ئاپتونوم رايونلۇق كارانتىن- پرىيوم ئىدارىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ، «3 بىر» بولغان تامۇژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئەندىزىسىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، كارخانىنىڭ تامۇژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئۈنۈمىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈردى. ئۈرۈمچى تامۇژنىسى كېيىنكى قەدەمدە، ئوتتۇرا ياۋروپاغا قاتنايدىغان نۆۋەتچى پويىزنىڭ تامۇژنىدىن قولاي ئۆتۈش، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى راۋان يولى، بىرلەشمە نازارەتچىلىك قىلىش، باشقۇرۇش قاتارلىق چەتئەلگە چېتىشلىق نوقتىلىق ھەمكارلىق تۈرلىرىنى يولغا قويۇپ، سودىنى قولايلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر