باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

13-نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئومۇمىي قائىدىسى ئېلان قىلىندى

2015.02.02 16:02         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك تەنتەربىيە باش ئىدارىسى 30-يانۋار تور بېكىتىدە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 13-نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئومۇمىي قائىدىسى»نىڭ لايىھەسىنى ئېلان قىلدى، ئۇنىڭ مەزمۇنىدا ئالدىنقى نۆۋەتتىكىدىن ئۆزگىرىش كۆپ ئەمەس، ئۇنىڭدا ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ ئالتۇن مېدال، مېدال سانى ۋە ئومۇمىي نومۇرى قاتارلىق نەتىجىلىرى ئېلان قىلىنىدۇ ۋە رەتكە تىزىلىدۇ. «ئازادلىق ئارمىيە تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ نەتىجىسى ئىككى قېتىم ھېسابلىنىدۇ»، «ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى نەتىجىسى مەملىكەت تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قوشۇپ ھېسابلىنىدۇ» دېگەندەك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى بار پىرىنسىپلار ئۆزگەرمىدى، نومۇر ھېسابلاش چارىسىلا ئازراق تەڭشەلدى.

  ئومۇمىي قائىدىنىڭ يەتتىنچى چوڭ تۈرىدىكى «ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ نەتىجىسىنى ئېلان قىلىش جەدۋىلى»دىكى مەزمۇنلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ نەتىجىسى داۋاملىق ئېلان قىلىنىدىكەن ھەمدە رەتكە تۇرغۇزىلىدىكەن. ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ نەتىجىسى ئالتۇن، كۈمۈش، مىس مېدال سانى، مېدال سانى ۋە ئومۇمىي نومۇرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. نەتىجە رەت تەرتىپى ئالتۇن مېدال سانى، كۈمۈش مېدال سانى، مىس مېدال سانى، ئومۇمىي نومۇرنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكى بويىچە تىزىلىدىكەن. ھەممىسى ئوخشاش بولسا تەڭ تىزىلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر