باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدا 2014–يىلى توقۇمىچىلىق، كىيىم–كېچەك كەسپى بويىچە 87 مىڭ كىشى تەربىيەلەندى

2015.02.02 14:00         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  توقۇمىچىلىق، كىيىم–كېچەك كەسپى پۇقرالارنى ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى

  جاڭ شىنيۈ

  گۈلمىرە تۇردى ئاقسۇ توقۇمىچىلىق سانائىتى شەھەرچىسىدىكى كىيىم – كېچەك كارخانىسىدا ئىشلەيدۇ. ئۇ تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئۈرۈمچىدىكى تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپىدە تەربىيەلەندى. ئۇنىڭ زاۋۇتقا كىرىپ پىراكتىكا قىلغان ۋاقتىدىكى مائاشى 1830 يۈەن ئىدى. گۈلمىرە تۇردى يېقىندا ھاياجانلانغان ھالدا: ئۆز جايىمدا ماس كېلىدىغان خىزمەت تېپىشىمنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن، دېدى.

  ئاپتونوم رايون 2014 – يىلى ئىيۇلدا شىنجاڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم – كېچەك كەسپى تەرەققىياتىنىڭ ئون يىللىق يىرىك پىلانىنى ئېلان قىلىپ، ئون تۈرلۈك سالمىقى زور ئېتىبار سىياسەتنى ئوتتۇرىغا قويدى: ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بىرىنچى ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئاممىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە قىلىپ، كەلگۈسى ئون يىلدا 1 مىليون كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش. كەلگۈسى ئون يىلدا 1 مىليون كىشى ئىشقا ئورۇنلىشىشى مۇمكىن.

  ئاپتونوم رايون توقۇمىچىلىق، كىيىم – كېچەك كەسپى بويىچە كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى ۋە ئىشچىلىرىنى كۆپلەپ تەربىيەلەپ چىقىش ئۈچۈن، توقۇمىچىلىق، كىيىم – كېچەك كەسپى بويىچە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى قۇردى، جايلاردىمۇ توقۇمىچىلىق، كىيىم – كېچەك كەسپى بويىچە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىلىرى قۇرۇلدى. ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ئالاقىدار سىياسەت، تەدبىرلەرنى پائال تۈزۈپ چىقىپ، كەسىپكارلارنىڭ كەسپىي ماھارىتىنى يېتىلدۈرۈشنى كۈچەيتىش ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تولۇقلىمىسى سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، توقۇمىچىلىق، كىيىم – كېچەك كەسپى تەرەققىياتىغا ئېھتىياجلىق ئادەم كۈچى بايلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنى خىزمەتلەرنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، تەربىيەلەش ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا مۇلازىمەت قىلىش خىزمەتلىرىنى قانات يايدۇردى.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى كۆپ قېتىم خوتەن ۋىلايىتى، قەشقەر ۋىلايىتى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى قاتارلىق جايلاردىكى ئالاقىدار توقۇمىچىلىق، كىيىم – كىچەك كارخانىلىرى ۋە كارخانىلارغا كىرىشتىن بۇرۇنقى تەربىيەلەشنى ئۈستىگە ئالغان مەكتەپلەرگە بېرىپ، توقۇمىچىلىق، كىيىم – كىچەك كەسپى تۈرى قۇرۇلۇشى، خادىملارنى قوبۇل قىلىش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە تەربىيەلەش مۇلازىمىتى قاتارلىق خىزمەتلەرنى مەخسۇس تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، نەق مەيداندا ئەمەلىي ئەھۋاللارنى ئىگىلەپ، ئاپتونوم رايوننىڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم – كېچەك كەسپى بويىچە ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تەربىيەلەش قاتارلىق ئېتىبار سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى شياۋ مىڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا 2014 – يىلى نويابىرنىڭ ئاخىرىغىچە توقۇمىچىلىق، كىيىم – كىچەك كەسپى، جۈملىدىن توقۇمىچىلىق، كىيىم – كېچەك، كەشتىچىلىك، گىلەم توقۇش كەسپى بويىچە تەربىيەلەنگەنلەر 87 مىڭ كىشىگە يەتكەن، 69 مىڭ كىشى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە 21 مىڭ كىشى مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشقان، 48 مىڭ كىشى پەسىل خاراكتېرلىك ئىشقا ئورۇنلاشقان.

  

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر