باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

يېزا ئىگىلىك ئۇچۇرلىرى

2015.02.02 13:58         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كېۋەز تېرىلغۇ كۆلىمى بۇلتۇر 29مىليون 670مىڭ موغا يەتتى

  ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كېۋەز تېرىلغۇ كۆلىمى (ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) بۇلتۇر 29 مىليون 670 مىڭ موغا، بۇنىڭ ئىچىدە دېھقانلار تېرىغان كۆلەم 17 مىليون 860 مىڭ موغا، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت ئورۇنلىرى تېرىغان كۆلەم 11 مىليون 810 مىڭ موغا يەتتى. كۆپ يىللاردىن بۇيان، يېزا ئىگىلىك تارماقلىرىنىڭ ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتلىرىدا، دېھقان ئائىلىلىرى ھۆددە يېرىگە تېرىغان كۆلەمگە ئائىت ئۇچۇرلار بار ئىدى، بۇ غەيرىي يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئورۇنلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايتتى. ئاپتونوم رايونىمىز بۇلتۇر تۇنجى قېتىم كېۋەز تېرىلغۇ كۆلىمىنى تەكشۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى يولغا قويۇپ، ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە كېۋەز تېرىلغۇ كۆلىمى ۋە ھوسۇل تەگ سانىنى ئېنىقلاپ، تولۇقلىما ياردەم پۇلى بېرىش قاتارلىق كېيىنكى خىزمەتلەر ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى. بۇ يىللىق كېۋەز تېرىلغۇ كۆلىمى ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتلىرىدا ئۆزگىرىش بىر قەدەر زور، بىراق بۇ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىي كېۋەز تېرىلغۇ كۆلىمىنىڭ ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن زور كۆلەمدە ئاشقانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ.

  ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كاتەكچە ئېتىزدا بۇغداي تېرىش پىلانى بۇلتۇر %108.86 ئورۇندالدى

  بۇلتۇر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كاتەكچە ئېتىز بۇغداي تېرىلغۇ كۆلىمىنى كېڭەيتىش خىزمىتىدە ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، چۆچەك، ئالتاي ۋىلايىتى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى قاتارلىق جايلاردا ئەمەلىي تەجرىبە تېرىلغۇ كۆلىمى 6224 موغا، ئۈلگە كۆرسىتىش تېرىلغۇ كۆلىمى 20 مىڭ 121 موغا، كېڭەيتىلگەن تېرىلغۇ كۆلىمى 91 مىڭ 331 موغا يەتكۈزۈلۈپ، كاتەكچە ئېتىز بۇغداي تېرىلغۇ كۆلىمى پىلانى %108.86 ئورۇندالدى.

  كاتەكچە بۇغداي ئېتىزىدا تۇپراقتىن ۋە يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسىدىن تېخىمۇ ئۈنۈملۈك پايدىلانغىلى، بۇغداي مايسىسى مو بېشى تۈپ سانىنى ئاشۇرۇپ، بۇغداي سۈپىتىنى ياخشىلىغىلى، شۇنداقلا سۇ، ئوغۇتتىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئاشۇرغىلى، بۇغداي مايسىسىنىڭ يېتىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى ۋە بىرلىك ھوسۇلىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. بۇ ئاپتونوم رايون بويىچە تېمىتىپ سۇغىرىش تېخنىكىسى ئومۇملىشىۋاتقان ھازىرقى شارائىتتا، بۇغداي ھوسۇلىنى ئاشۇرۇشتىكى ئۈنۈملۈك تەدبىر ھېسابلىنىدۇ.

  ئاپتونوم رايونىمىزدا ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك بەش يۇلتۇزلۇق دېھقانلار شادلىقى ئارامگاھىدىن ئونى كۆپەيدى

  يېقىندا سانجى شەھىرىنىڭ خۇاشىڭ ئېكولوگىيەلىك ساياھەتچىلىكى، ماناس ناھىيەسىنىڭ خېيلياڭۋەن تاغلىق كەنتى، كېرىيە ناھىيەسىنىڭ سۈي جەمەتى بېلىقچىلىق كەنتى، چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ پارخادىن ئېكولوگىيە مىللىي ئۆرپ – ئادەت مەنزىرە باغچىسى قاتارلىق ئون دېھقانلار شادلىقى ئارامگاھى ‹‹دېھقانلار شادلىقى ئارامگاھى ساياھەت مۇلازىمىتىنىڭ سۈپەت دەرىجە ئايرىمىسى››نىڭ سۈپەت دەرىجە ئۆلچىمىگە يېتىپ، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك بەش يۇلتۇزلۇق دېھقانلار شادلىقى ئارامگاھى بولۇپ باھالاندى.

  ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى دېھقانلار شادلىقى ئارامگاھلىرى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە يېمەك – ئىچمەك، ئۆرپ – ئادەت، بېلىق تۇتۇش ئىستىراھىتى، ئېكسكۇرسىيە ئارامگاھى قاتارلىق تۈرلەرنى ئاساس قىلغان يېزا، كەنت ساياھەتچىلىك مەھسۇلات سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، شەھەر ساياھەتچىلىرى ۋە باشقا ساياھەتچىلەرنىڭ ساياھەت ئىستىراھەت ئېھتىياجىنى تەمىنلەپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ساياھەت ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى.

  

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر