باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايوننىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» پائالىيىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى3 مەيدان تىپىك شەخسلەرنىڭ ئىش-پائالىيەتلىرىدىن دوكلات بېرىش يىغىنى ئاچتى

2015.02.02 13:33         مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايوننىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» پائالىيىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى 1- ئاينىڭ 29- كۈنىدىن 30 - كۈنىگىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە 3 مەيدان تىپىك شەخسلەرنىڭ ئىش-پائالىيەتلىرىدىن دوكلات بېرىش يىغىنى ئاچتى. كەنتتە تۇرۇشلۇق 7 كادىر ئۆزلىرىنىڭ كەنتتە تۇرۇپ ئىشلىگەن بىر يىلدىن بۇيانقى خىزمەتلىرىدىكى خوشاللىقلىرى ۋە قايغۇلىرىنى بايان قىلدى. 2- تۈركۈمدە «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» پائالىيىتى بويىچە كەنتتە چۈشكەن 2 مىڭ كادىر دوكلاتنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى:- تۇنجى تۈركۈمدىكى كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلارنى ئۈلگە قىلىپ، 2- تۈركۈمدە «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ياخشى ئىشلەيمىز.

  دوكلات بەرگەن 7 كادىر تۇنجى تۈركۈمدە ئاساسىي قاتلامغا چۈشكەن 7 مىڭدىن كۆپرەك كادىر ئىچىدىكى مۇنەۋۋەر ۋەكىللەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئەر- خوتۇن ئىككەيلەن بىر كەنتكە چۈشكەنلەر، ئاتا- بالا تەڭ ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈپ ئىشلىگەنلەر، يەنە داۋاملىق بىر يىل تۇرۇپ خىزمەت ئىشلەشنى ئىلتىماس قىلغانلار بار. ئۇلارنىڭ ئىشلىگەن خىزمەتلىرى، ئۇلارنىڭ ئويلىغانلىرى پات يېقىندا ئاساسىي قاتلامغا چۈشىدىغان 2- تۈركۈمدىكى كادىرلارنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈردى ۋە ئۇلارنى ئىلھاملاندۇردى.

  جۇڭگو سەددىچىن سېپىلى مال- مۈلۈك باشقۇرۇش شىركىتى شىنجاڭ شۆبە شىركىتىنىڭ خادىمى ما شياۋ پات يېقىندا باي ناھىيەسىگە بېرىپ كەنتتە تۇرۇپ خىزمەت ئىشلەيدۇ. ئۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى:- تۇنجى تۈركۈمدە «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» پائالىيىتى بويىچە كەنتكە چۈشكەن كادىرلار نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلىدى. بىز ئۇلاردىن چوڭقۇر تەسىرلەندۇق. ئۇلار ھەم 2- تۈركۈمدە «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» پائالىيىتى بويىچە كەنتكە چۈشىدىغان كادىرلارغا پۇختا ئاساس سېلىپ بەردى. بىز ئۇلار ياراتقان ئاساستا داۋاملىق رولىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ، 6 تۈرلۈك ئاساىسي ۋەزىپە بىلەن بۇ قېتىم ئوتتۇرىغا قۇيۇلغان 3 نۇقتىلىق خىزمەت ۋەزىپىسىنى ياخشى ئورۇندايمىز. بىز بۇ جەھەتتە ئامال قىلىپ، خىزمەت ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئۇلار ياراتقان ئاساستا، تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىمىز.

  بۇلتۇر تۇنجى تۈركۈمدىكى «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» پائالىيىتى بويىچە كەنتكە چۈشۈپ خىزمەت ئىشلەشكە تىزىملاتقان شىنجاڭ دۆلەت دورىگەرلىك گۇرۇھىنىڭ كادىرى ئەي جياڭيۇڭ بۇ يىل ئاخىرى ئارزۇسىغا يېتىپ، پات يېقىندا ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈپ ئىشلەيدىغان بولدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئاساسىي قاتلامدا ئىشلەيدىغان خىزمەتلىرىگە قارىتا تولۇق ئىشەنچكە تولغان ئىدى. ئۇ مۇنداق دېدى:- تۆۋەنگە چۈشۈش بىزگە نىسبەتەن بىر چېنىقىش. ئىلگىرى مەن يېزىدا تۇرۇپ باققان، شۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەنگە چۈشسەم چوقۇم كۈنۈپ كېتىمەن.

  شىخەنزە ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ ئارقا سەپ تەمىناتى بۆلۈمىنىڭ كادىرى قاۋۇلجان قادىر مۇنداق دېدى:- دوكلاتتىن كۆپ ئىلھاملاندىم. دوكلاتنى ئاڭلىغان چېغىمدا، كەنتتە تۇرۇپ ئىشلەيدىغان خىزمەتلىرىمنى پىلانلاپ بولدۇم. مېنىڭ قوش تىل بويىچە تەربىيىلەش كۇرسى ئاچقۇم كەلدى. مەدەنىيەت جەھەتتە، ئىدىيە جەھەتتە دېھقانلارغا بەزى خىزمەتلەرنى ئىشلىگۈم كەلدى. مېنىڭچە بۇلارنىڭ ھەممىسى بىر ئەمەلىي ئىش.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر