باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

تۇنجى تۈركۈمدىكى كەنتلەرگە چۈشكەن كادىرلار ۋەكىللىرىنى پات ئارىدا 2- تۈركۈمدە كەنتلەرگە چۈشۈپ ئىشلەيدىغان كادىرلارغا يۈز- تۇرانە تەجرىبىلىرىنى تونۇشتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى

2015.02.02 13:30         مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۈنۆگۈن ئاپتونوم رايونلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» پائالىيىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، تۇنجى تۈركۈمدىكى كەنتلەرگە چۈشكەن كادىرلار ۋەكىللىرىنى پات ئارىدا 2- تۈركۈمدە كەنتلەرگە چۈشۈپ ئىشلەيدىغان كادىرلارغا يۈز- تۇرانە تەجرىبىلىرىنى تونۇشتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى. ئۇلار كەنتلەردە تۇرۇپ ئىشلىگەن بىر يىل جەريانىدىكى تەجرىبىلىرى ۋە تەسىراتىنى سۆزلەپ بەردى ھەم 2- تۈركۈمدە كەنتلەردە چۈشۈپ ئىشلەيدىغان كادىرلار چۈشىنەلمىگەن مەسىلىلەرنى يېشىپ بەردى.

  سۆھبەت يىغىنىدا، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى، ئادەم بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى، تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، ئاياللار بىرلەشمىسى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ 2- تۈركۈمدىكى «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمىتى گۇرۇپپىلىرىنىڭ باشلىقلىرى تۇنجى تۈركۈمدىكى «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمىتى گۇرۇپپىلىرىنىڭ ئەزالىرىدىن كەنتتە تۇرۇپ ئىشلەشتىكى كونكرېت ياخشى چارىلەر، ئەمەلىي تەجرىبىلەرنى بەس- بەستە سوراشتى.

  تۇنجى تۈركۈمدىكى «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمىتى گۇرۇپپىلىرىنىڭ ئەزالىرىمۇ سېخىيلىك بىلەن ئۆزلىرىنىڭ تەجرىبىلىرى، چارە- تەدبىرلىرىنى كونكرېت سۆزلەپ بەردى. ئالايلۇق، ئۆيلەرگە كىرگەندە قىزغىن بولۇپلا قالماي، ئۇرۇق- تۇغقانلارنى يوقلىغانغا ئوخشاش بەزى سوۋغا- سالاملارنى ئېلىۋالغاندا، يۇرتداشلار بىلەن بولغان ئارىلىقنى يېقىنلاشتۇرىدۇ. ئەلنى نەپكە ئېرىشتۈرۈشتە، پەقەت يول ياساش، كۆۋرۈك سېلىش، ئۆستەڭ رېمونت قىلىش قاتارلىق چوڭ تۈرلەرگىلا ئېسىلىۋالماي، يەنە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كۈندۈلۈك تۇرمۇشىدىكى كىچىك ئىشلارغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ھەر بىر ئىشنى قىلغاندا يېزا، كەنت كادىرلىرىدىن ئەگىپ ئۆتۈپ كەتمەي، ئۇلار بىلەن كۆپرەك مەسلىھەتلىشىش، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ ئاساسلىق ئوبرازىنى نامايەن قىلىش كېرەك.

  2 سائەتتىن كۆپرەك داۋاملاشقان سۆھبەت يىغىنى سوئال- جاۋاب شەكلىدە قىزغىن ئېلىپ بېرىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جۇ جيەن يىغىندىن كېيىن مۇنداق دېدى:- بۇ سۆھبەت يىغىنىدىن خېلى ھوسۇل ئالدىم. چوڭ داۋلى- قائىدىلەر سۆزلەنمىدى، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ تەسىراتلىرىنى كونكرېت، ئەمەلىي بايان قىلىشتى. مەن ئۇلارنىڭ بايانلىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، كېيىنكى قەدەمدىكى خىزمەتنىڭ نىشانى، چارە- تەدبىرلىرى، نىمىنى قىلىش، قانداق قىلىش توغرىسىدا ئېنىق چۈشەنچىگە كەلدىم. ئ

  اپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى گاۋ پېي مۇنداق دېدى:- تۇنجى تۈركۈمدىكى خىزمەت گۇرۇپپىلىرىنىڭ خىزمەتلىرى ئاساسىدا، 3 يىللىق پىلاننى ئوبدان تۈزۈپ چىقتۇق. بىز كەنتكە بارغاندىن كېيىن پىلانىمىزنى ئوبدان يولغا قويۇپ، 1- تۈركۈمدە كەنتكە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ ئىشلەيمىز. بىزنىڭ بۇ يىلقى ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداشقا ئىشەنچىمىز كامىل.

  تۈنۆگۈن چۈشتىن كېيىن تۇنجى تۈركۈمدىكى «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمىتى گۇرۇپپىلىرىنىڭ ئەزالىرى ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىغا بېرىپ، 2- تۈركۈمدىكى «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمىتى گۇرۇپپىلىرىنىڭ باشلىقلىرى بىلەن يۈز- تۇرانە پاراڭلاشتى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر