باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي تۈزۈمگە قەتئىي رىئايە قىلىپ، باشقۇرۇش ۋە نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، ئىستىلنى توغرىلاپ، چىرىكلىشىشكە قارشى تۇرۇشتا قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچ ھاسىل قىلىش كېرەك

2015.02.02 13:36         مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  1- ئاينىڭ 30- كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 5- ئومۇمىي يىغىنىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۇنشيەن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىشىشكە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىشىشكە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار بەس- بەستە مۇنۇلارنى بىلدۈرۈشتى: سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي تۈزۈمگە قەتئىي رىئايە قىلىپ، باشقۇرۇش ۋە نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، ئىستىلنى توغرىلاپ، چىرىكلىشىشكە قارشى تۇرۇشتا قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچ ھاسىل قىلىش كېرەك.

  جاڭ چۇنشيەن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىشىشكە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈشتە، پارتىيەنىڭ مەركەزلەشكەن بىر تۇتاش رەھبەرلىكى ۋە سىياسىي ئىنتىزامى، سىياسىي تۈزۈمىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق ئەدلىيە نازارىتى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، نازىر ئابلىز ھوشۇر مۇنداق دېدى:- ئەدلىيەدىكى چىرىكلىشىش بىزنىڭ سىستېمىمىزغا، پۈتكۈل پارتكوم، ھۆكۈمەتنىڭ ئوبرازىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى چىڭ تۇتۇلمىسا، سىستېمىمىزدا باشقا كەسىپلەرنى ئىجرا قىلىشقا تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا، بىز ئىشنى ھەر دەرىجىلىك پارتكوملاردىن، ھەر قايسى ئورۇنلاردىن باشلاپ چىڭ تۇتۇپ، ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيە رەھبەرلىكىگە چوقۇم بويسۇنىمىز.

  ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكى نازارەتچىلىكى كومىتېتى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇدىر شاۋ فېڭ مۇنداق دېدى:- بىز 1- پەسىلدە دۆلەت كارخانىلىرىنى كۆزىتىش، تەكشۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك قاپلاشنى تاماملاش توغرىسىدىكى خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بولدۇق. مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەلىپى بويىچە، ئومۇميۈزلۈك قاپلاش، قىلچىمۇ رەھىم قىلماسلىقنى ئىشقا ئاشۇرىمىز. باشقۇرۇش خىزمىتىدە مەسئۇلىيەتنى ئۆمۈرلۈك سۈرۈشتە قىلىشنى يولغا قويىمىز. سېلىنما سەۋەنلىكى بولسۇن ياكى باشقۇرۇش سەۋەنلىكى بولسۇن، كارخانىغا زىيان يەتكۈزسىلا، مەسئۇلىيىتىنى ئۆمۈرلۈك سۈرۈشتە قىلىمىز.

  جاڭ چۇنشيەن مۇنداق دېدى:- «4 خاھىش» نى قەتئىي تۈزىتىپ، باشقۇرۇش، نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، رەھبىرىي كادىرلاردا «ئورنى يۇقىرى بولسىمۇ ئىستىبداتلىق قىلماسلىق، ھوقۇقى چوڭ بولسىمۇ ئۆز كۇمۇچىغا چوغ تارتماسلىق» نى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، مائارىپ نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىر لياڭ چاۋ مۇنداق دېدى:- نازارەتچىلىك مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، بولۇپمۇ نۇقتىلىق ساھەلەرگە بولغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىش كېرەك. ئالايلۇق، ھازىر مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش، ئۇل مۇئەسسەسەلەر قۇرۇلۇشى، پەن تەتقىقات خىراجىتىنى باشقۇرۇش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپ ئالمىشىش، كەسىپ ئالمىشىش قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرگە بولغان نازارەتچىلىك ۋە ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئەڭ ئاخىرىدا چىرىكلىشىشكە جۈرئەت قىلالماسلىق، چىرىكلەشمەسلىك، چىرىكلىشىشنى خالىماسلىقتەك ياخشى ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر