باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايون ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرىنىڭ شۇجىلىرى سۆھبەت يىغىنى ئاچتى

2015.02.02 13:34         مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايون تۈنۆگۈن چۈشتىن بۇرۇن ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرىنىڭ شۇجىلىرى سۆھبەت يىغىنى ئاچتى. يىغىندا: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى دېلو بىجىرىشنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرىنى چىڭ تۇتۇپ، چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاشتىكى يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى بوشاشتۇرۇپ قويماي، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش تەسەۋۋۇرى ۋە قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، شەكىل، ئۇسۇلدا يېڭىلىق يارىتىپ، دېلو بېجىرىش خىزمەت ئۈنۈمى ۋە سۈپىتىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  يىغىندا مۇنداق دەپ تەكىتلەندى: مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەلىپى بويىچە، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىدىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتى ۋە نازارەتچىلىك قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي تۈزۈمىگە خىلاپلىق ۋە بۇزۇنچىلىق قىلغان ھەرىكەتلەرنى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. يەرلەرنى ئۆتۈنۈپ بېرىش، كان بايلىقلىرىنى ئېچىش، قۇرۇلۇش تۈرلىرى، تۈر مەبلىغى، ئەلنى نەپكە ئېرىشتۈرۈش مەبلىغى، كادىرلارنى تاللاپ ئۆستۈرۈش ۋە دۆلەت مۈلكى قاتارلىق ساھەلەردىكى چىرىكلىشىش دېلولىرىنى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. مەركەزنىڭ 8 تۈرلۈك بەلگىلىمىسى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ 10 تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ مەسىلىلەرنى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. كۆزىتىشتە تاپشۇرۇلغان مەسىلىلەرنىڭ يىپ ئۇچلىرىنى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. يېزا، كەنتلەردىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئاممىنىڭ مەنپەئىتىنى زىيانغا ئۇچرىتىش دېلولىرىنى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. دېلو بىجىرىشتىكى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنتىزام ۋە بەلگىلىمە بويىچە دېلولارنى بىخەتەر، مەدەنىي بىجىرىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. زور تىپىك دېلولارنى تەھلىل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئىبرەت تەربىيەسى بېرىش ۋە تۈپتىن تۈزەش رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى سۇڭ ئەيرۇڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر