باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كادىرلار ۋە ئامما ھەركەتكە كېلىپ، ئەمەلىي ئىشلەشتەك روھىي قىياپەت بىلەن ئۆزلىرىنى 2015-يىللىق خىزمەتلەرگە ئاتىدى

2015.02.02 13:29         مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېڭى يىل ياشلىنىشى بىلەنلا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كادىرلار ۋە ئامما ھەركەتكە كېلىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى چىڭ تۇتۇپ، پائال ئالغا ئىلگىرلەپ، ئەمەلىي ئىشلەشتەك روھىي قىياپەت بىلەن ئۆزلىرىنى 2015-يىللىق خىزمەتلەرگە ئاتىدى.

  مۇشۇ بىر قانچە كۈندىن بۇيان، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ ياشلار ۋە ئۆسمۈرلەرگە ئومۇمىيۈزلۈك يۈزلەنگەن «ئالتاينى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش» تەشۋىق- تەربىيە پائالىيىتى ھەر قايسى ناھىيە- شەھەرلەردە يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلدى. ئالتاي ۋىلايەتلىك ئىتتىپاق كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ جياڭخۇڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل 1-ئايدىن 3-ئايغىچە، ۋىلايەتلىك ئىتتىپاق كومىتېتى قىشلىق تەتىل شۇنىڭدەك قىشنىڭ ئارىسالدى ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىپ، مول مەزمۇنلۇق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ياشلار ۋە ئۆسمۈرلەرنى قانۇن ساۋاتلىرىنى ئۆگىنىش، قانۇننى بىلىش، ساغلام ئۆسۈپ يىتىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. بىز ئۆگىنىشكە ماھىر بولۇش، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى تەكىتلەش، ئىتتىپاقلىقتا بەستلىشىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش، ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بىرىشتەك خىزمەت تەلىپىدىكى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى تەكىتلەشتىن ئىبارەت مۇشۇ نۇقتا بويىچە ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدبىي ئەمىلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشتەك مۇشۇ باش نىشاننى زىچ چۆرىدىگەن ھالدا، سوتسىيالىستىك يادرو قىممەتت قارىشىنى زور كۈچ بىلەن بارلىققا كەلتۈرۈپ ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئۇقۇمىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، «بىرگە قارشى تۇرۇش، ئىككىنى تەكىتلەش» تەشۋىق- تەربىيە پائالىيىتىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، ياشلار ۋە ئۆسمۈرلەر ئارىسىدا قانۇن ساۋاتلىرىنى ئۆگىنىش، قانۇننى بىلىش، قانۇنغا ئەمەل قىلىش، قانۇنغا ئىشىنىشتەك ياخشى كەيپىياتنى يارىتىپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىنىڭ ئالغا سىلجىشىنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش جەھەتتە كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىمىز.

  بورتالا شەھەرلىك مىللەتلەر ۋە دىن ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى داڭ يۈنتىڭ مۇنداق دېدى: شۇجى جاڭ چۈنشۇەن ئوتتۇرىغا قويغان «5 تۈرلۈك تەلەپ» ۋە «3 نۇقتىلىق ئۈمىد» بويىچە مىللەتلەر ۋە دىن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. بۇ يىل بىز نۇقتىلىق يېزا-بازار ۋە مەيدانلاردا بەزى شۆبىلەرنى قۇرۇش، دىنىي زاتلار ئائىلىسى قۇرۇپ چىقىشتىن ئىبارەت ئىككى سۇپا قۇرۇلۇشىنى ياخشى ئىشلەيمىز. دىنىي پائالىيەت خىزمىتىنى چىڭ تۇتقاندا، بىر قېتىم مەلۇم قىلىش، ئىككى قېتىم تەكشۈرۈشتەك نازارەت قىلىش خىزمەت مىخانىزىمى ئارقىلىق، مەسچىت سىرتىدىكى پائالىيەتلەرنى ئوبدان باشقۇرىمىز. يەنە بىر نۇقتا-- بىزنىڭ دىنىي زاتلىرىمىز بىلەن باشقا خادىملىرىمىزنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش، ئۇلارنى تەربىيىلەش، باشقۇرۇش خىزمىتىنى چىڭ تۇتىمىز.

  ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئورمانچىلىق ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى گاۋ جىگو يېڭى يىلدا يېڭى قىياپەتنى بارلىققا كەلتۈرۈش ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ كوللىكتىپ ئۆگنىشىدە، ياخشى ئىستىل ۋە روھىي قىياپەت بىلەن 2015-يىللىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش تەلىپى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بىز مىليون مولۇق ئېكولوگىيىلىك ئورمان قۇرۇلۇشى ۋە تەبىئىيلىكى قوغدىلدىغان رايونلار قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسى قۇرۇپ چىقىشنى شۇنىڭدەك ياۋايى ھايۋاناتلارنى قوغداشنى ئىلتىماس قىلدۇق. نۆۋەتتە بىز يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلار بىلەن بۇ جەھەتتە ئالاقىلىشىپ، پۇختا ئاساس سېلىپ، يېڭى باشلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى يۈكسلىشنى بارلىققا كەلتۈرۈشكە تىرىشىۋاتىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر