باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

100 ياشلىق بوۋاي بادام ئارقىلىق بەخت تىلىدى (1)

2015.02.02 13:56   مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

100 ياشلىق بوۋاي بادام ئارقىلىق بەخت تىلىدى (1)

  1–فېۋرال ‹‹يەكەن دەرياسىدىن سىزگە سالام›› پائالىيىتىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى ۋە شېئىر دېكلاماتسىيە پائالىيىتىدە، مەملىكەتنىڭ ئۆمۈر چولپىنى ـــ 123 ياشلىق بوۋاي تۇرۇپ ئەمەت ئۆزى ئۆستۈرگەن ئۆمۈر ئۇزارتىش مېۋىسى ـــ بادامنى كۆتۈرگىنىچە سەھنىگە چىقىپ، يۇمۇرلۇق ھالدا: ‹‹مەن بادام يېيىشنى ئەڭ ياخشى كۆرىمەن، مەن پارتىيەنىڭ نۇرى ئاستىدا بادام يەپ 100 ياشقىچە ياشىدىم، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ماڭا ئوخشاش ساغلام، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن!›› دېدى.

  تۇرۇپ ئەمەت بوۋىنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىپ بېرىشىچە، بادام ئۇنىڭ تۇرمۇشىنى ئۆزگەرتكەن، بادام ئارقىلىق ئۇنىڭ كىرىمى ئۆسكەن، ئائىلە شارائىتىمۇ ياخشىلانغان، تۇرمۇشى كۈندىن-كۈنگە باياشاد بولغان، كۈندە قورسىقى توق بولۇپلا قالماي، يەنە ئوزۇقلۇقى يېتەرلىك بولغان. ‹‹ھازىر ئاپتونوم رايونىمىز نۇرغۇن ئېتىبار سىياسەتلەرنى يولغا قويدى، مەن ھەر ئايدا 200 يۈەن تۇرمۇش تولۇقلىما پۇلى ئالىمەن، بۇنىڭ ھەممىسى پارتىيە سىياسىتىنىڭ ياخشىلىقىدىندۇر، مەن بۇنىڭدىن بەك خۇشال›› دېدى تۇرۇپ ئەمەت بوۋا.

  بۈگۈنكى كۈندە بوۋاينىڭ بادام ئۆستۈرگىدەك ماغدۇرى يوق، بۇ ئىشلارنى ئۇنىڭ ئوغلى ۋە نەۋرىسى قىلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ پات-پات بېرىپ ئايلىنىپ كېلىدىكەن، بولۇپمۇ ئۇلاش مەزگىلىگە كەلگەندە ئۇ بۇنىڭغا ئۆزى بىۋاسىتە يېتەكچىلىك قىلىدىكەن.

  بوۋاي نەق مەيدانغا ئۆزى ئۆستۈرگەن بادامنى ئېلىپ كەلگەندىن باشقا، يەنە ئۆز قولى بىلەن ياسىغان ئۈستىگە خەنزۇچە ‹‹بەخت›› سۆزى بېسىلغان بادام قول ھۈنەر بۇيۇمىنى ئېلىپ كېلىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ رەھبەرلىرى ۋە مېھمانلارغا تەقدىم قىلىپ، رەھبەرلەرنىڭ يەكەنگە بولغان غەمخورلۇقى، مېھمانلارنىڭ يەكەنگە بولغان ياردىمىگە رەھمەت ئېيتقان. ئۇ يەكەننىڭ كېلەچىكىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.


【1】 【2】 【3】 
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·مائارىپ مىنىستىرلىكى : غەربنىڭ قىممەت قارشىنى تارقىتىدىغان دەرسلىك ماتېرىياللارنى دەرسخانىغا كىرگۈز…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىكى مەكتەپ پۇتبولچىلىقى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇردى  يۈەن گۇيرېن گۇرۇپپا باش…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى شىنجاڭ بىلەن ياردەم بەرگەن جايلار ئارىسىدا قول تۇتۇش ھەرىكىنى قانات يايدۇرىدۇ …
      ·بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى دوكتور ئاسپىرانت ئوقۇغۇچىسىنىڭ دوكتورلۇق ئۇنۋانىنى ئېلىپ تاشلىدى
      ·138 ئالىي مەكتەپ 180 تۈردە 2014-يىللىق دۆلەتلىك پەن تېخنىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشتى 
      ·ئامېرىكىدا بالىنى 18 ياشقىچە بېقىش ئۈچۈن 245 مىڭ دوللار كېتىدۇ
      ·2015-يىلىدىن باشلاپ، شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باھالاش ئۆلچىمىنى ئۆزگەرتىدۇ، جەريان خاراكتېرلىك ب…
      ·شىنجاڭ: ئەڭ ياخشى مائارىپ بايلىقىنى ئەڭ چەت رايونلارغا يەتكۈزىمىز
      ·«تولۇق 3-يىللىقتا پەقەت ئەدەبىيات، ماتېماتىكا، خەنزۇ تىلىنىلا ئۆگىنىشكە بولمايدۇ»
      ·دۆلەت ھۆكۈمەتنىڭ ئەۋەتىشى بىلەن چەت ئەلدە ئوقۇشقا بۇ يىل 23 مىڭ كىشى قوبۇل قىلدى