باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

تۇنجى 1–قارار ئاساسىي قاتلام مەدەنىيەت قابىللىرىنى تەربىيەلەش كۇرسى ئاياغلاشتى

2015.02.02 13:59         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى 26 – يانۋاردىن 30 – يانۋارغىچە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى 33 ناھىيەدىن كەلگەن 136 خەلق سەنئەتكارى، مەدەنىيەت قابىلى ۋە ئەل ئىچى تەشۋىقاتچىنى ئۈرۈمچىگە يىغىپ ئاچقان تەربىيەلەش كۇرسى 30 – يانۋار ئاياغلاشتى.

  يېپىلىش مۇراسىمىغا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لى شۆجۈن قاتنىشىپ، كۇرسانتلارنىڭ ئويۇنىنى كۆردى ۋە پىكىرلىشىپ ئۇلارنىڭ يۈرەك سۆزلىرىنى ئاڭلىدى.

  لى شۆجۈن مۇنداق دېدى: مەن بۈگۈن سىلەر ئورۇنلىغان نومۇرلاردىن ماھارىتىڭلارنىڭ يۇقىرىلىقىنى كۆرۈپ ناھايىتى تەسىرلەندىم. نومۇرلىرىڭلاردا ئاساسىي قاتلامدىكى ئۆزگىرىشلەر ناھايىتى جانلىق، ئوبرازلىق ئەكس ئەتتۈرۈلدى، زوراۋانلىق، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىرادەڭلار، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشكە بولغان ئىشەنچىڭلارنى ياخشى نامايان قىلدىڭلار، شۇڭا، مەن سىلەرگە رەھمەت ئېيتىمەن.

  ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى تەربىيەلەش كۇرسىنى ئېچىشتىكى مەقسىتىمىز ئۇزاق يىل ئاساسىي قاتلامدا ئىشلىگەن تەشۋىقاتچىلار بىلەن مەدەنىيەت خادىملىرىنى ئۈرۈمچىگە يىغىپ، مەركىزىي شەھەر ئۈرۈمچىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى تەرەققىياتى ۋە ئۆزگىرىشلىرىنى كۆرسىتىپ، قايتىپ بارغاندىن كېيىن ئۆز خىزمىتىڭلارنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلەشكە رىغبەتلەندۈرۈش، شۇنداقلا سىلەرنى زامانىۋى مەدەنىيەت، زامانىۋى ئاڭ، زامانىۋى تۈزۈم، زامانىۋى تەپەككۇر بىلەن ئۇچراشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ تەشۋىقات ۋە مەدەنىيەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە پۇختا ئاساس يارىتىش ئۈچۈندۇر. بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن ئىنتايىن ئەھمىيەت بەردى ھەم مەخسۇس كۇرسنىڭ ئەھۋالىنى تېلېۋىزوردىن كۆرگەنلىكىنى، تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ ناھايىتى ياخشى بولۇۋاتقانلىقىنى، شۇنداقلا سىلەرگە بولغان سالىمىنى يەتكۈزۈپ قويۇشۇمنى ھاۋالە قىلدى. بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە 78ياشقا كىرگەن بوۋايمۇ پارتىيەنىڭ ياخشى تەشۋىقاتچىسى بولۇش ئۈچۈن قاتنىشىپتۇ. شۇڭا، سىلەرنىڭ جاڭ چۈنشىيەن شۇجىنىڭ سىلەردىن كۈتكەن ئۈمىدىنى يەردە قويماي، ئاساسىي قاتلام تەشۋىقاتچىلىق، مەدەنىيەت يەتكۈزۈشتىكى رولۇڭلارنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، نۆۋەتتە ئەدەپ كەتكەن ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىگە قارشى تۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇھىتىمىزنى ياخشىلاش ئۈچۈن تۆھپەڭلارنى ئايىماسلىقىڭلارنى، شۇ ئارقىلىق ئىلغار مەدەنىيەتنى ۋە زامانىۋى مەدەنىيەتنى ئاساسىي قاتلامغا يەتكۈزۈشتىكى باشلامچىلاردىن بولۇشۇڭلارنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر