باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2014-يىللىق جۇڭگودىكى 10 چوڭ پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى خەۋىرى باھالاندى

2015.02.02 15:58         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى، جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسى ئۇيۇشتۇرغان، ئىككى ئاكادېمىيە ئاكادېمىكلىرى باھالىغان 2014-يىللىق جۇڭگودىكى 10 چوڭ پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى خەۋىرى، دۇنيا بويىچە ئون چوڭ پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى خەۋىرى تۈنۈگۈن بېيجىڭدا ئېلان قىلىندى. 3-قارارلىق ئاي تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشىدىكى قايتىپ كەلگەن ئۇچقۇ تەجرىبە ئۈسكۈنىسى بۇلتۇر 10-ئايدا ئالەم بوشلۇقىغا قويۇپ بېرىلىپ، يەر ئاي ئوربىتىسىغا كىرگەن ھەمدە 1-نويابىر بەلگىلەنگەن جايغا ئوڭۇشلۇق قونغان ئىدى. بۇ ئۇچقۇنىڭ ئاينى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئايلىنىپ قايتىپ كەلگەنلىكى 2014-يىللىق جۇڭگودىكى ئون چوڭ پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى خەۋىرىگە كىرگۈزۈلدى.

  2014-يىللىق جۇڭگودىكى ئون چوڭ پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى خەۋىرىگە كىرگۈزۈلگەنلىرىدىن يەنە 4500 مېتىر دەرىجىلىك چوڭقۇر دېڭىزدا يىراقتىن كونتروللاپ مەشغۇلات قىلىدىغان غەۋۋاس كېمىسىنىڭ دېڭىز تېگىدىكى مەشغۇلاتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقى، كىۋانتلىق خەۋەرلىشىش بىخەتەر يوللاشتا دۇنيا رېكورتى يارىتىلغانلىقى، دەرىجىدىن تاشقىرى شالنىڭ مو بېشى مەھسۇلاتى تۇنجى قېتىم مىڭ كىلوگرامدىن ئاشقانلىقى، ئوپتىك خەۋەرلىشىش تېخنىكىسىنىڭ يېڭى ئىلگىرىلەشكە ئېرىشكەنلىكى، ئېنىقلىق دەرىجىسى 30 مېتىرغا يېتىدىغان، تۇنجى يۈرۈش يەر يۈزى ئەھۋالىنى يىراقتىن سېزىپ چېرتيوژ سىزىش سانلىق مەلۇماتلار توپلىمى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەتقىق قىلىپ ياسالغانلىقى قاتارلىق خەۋەرلەر بار.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر