باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن تېما تەتقىقاتىنى باشلىدى

2015.02.02 16:01         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش ئېلىمىزنىڭ زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىدىكى باشلامچى ئىش، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تىجارەت تۈزۈلمىسى جانلىق بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى توسۇپ كەلگەن ئىدى. تۈنۈگۈن، يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش ئىدارىسى بىلەن بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى باشقۇرۇش ئىلمى تەتقىقات مەركىزى بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش ئىسلاھاتى، تەرەققىياتىدىكى زور ئىستراتېگىيەلىك مەسىلىلەر تېما تەتقىقاتىنى بىرلىكتە باشلىدى، تېما گۇرۇپپىسىغا بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى لى يىنىڭ مەسلىھەتچى بولدى.

  يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ شۇسۇڭ مۇنداق دېدى: بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش كارخانىلىشىش، گۇرۇھلىشىش، پايلىشىش مۇساپىسىدا، ھەم مەمۇرىي باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ۋە ئىگىلىك باشقۇرۇش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىغا، ھەم دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتى ۋە ئىجتىمائىي فۇنكسىيە ئىسلاھاتىغا چېتىلىدۇ. ھەم ھۆكۈمەت بىلەن كارخانىنىڭ، جەمئىيەت بىلەن كارخانىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش، ھەم مەركەز بىلەن يەرلىك، بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونى بىلەن يەرلىكنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش لازىم، ئەھۋال ئىنتايىن مۇرەككەپ، يۇقىرى قاتلامدىكى لايىھەنى جەزمەن ياخشى تۈزۈش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر