خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ2- فېۋرال ، بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:31-يانۋار، شېنجېن شىمالى ۋوگىزالىدىن شيامىن شىمالى ۋوگزالىغا ماڭغان D2318 نۆۋەتلىك پويىزدا،بىر ھامىلىدار ئايال تۇيۇقسىز قورسىقى چىدىغۇسىز ئاغرىپ كەتتى. پويىز خىزمەتچىلىرى بۇ ۋاگوندىكى ئەر يولۇچىلارنى تېزدىن باشقا ۋاگونغايۆتكەپ، ئىككى پارچە رەخت بىلەن ئوراپ ۋاقىتلىق «تۇغۇتخانا»ياسىدى،بىر قىسىم يەڭگىش تەجرىبىسى بار ئاياللارمۇ كېلىپ ياردەملەشتى. ھامىلىدار ئايال ئوڭۇشلۇق يەڭگىدى.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى