خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ2- فېۋرال ، بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:29-يانۋار،16ياشلىق خەن XX بەيروڭ سودا سارىيىنىڭ ئامبىرىدىكى قەغەز ساندۇققا ئوت قويۇۋەتكەن. سودا سارىيىنىڭ ئىچىدە توقۇلما بۇيۇملىرى قاتارلىق يېنىشچان ماددىلار زىچ توپلانغاچقا،«يوشۇرۇن ئوت »توختىماي قايتا يېنىپ تۇرغان،ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى ئەزالىرىنىڭ تۆمۈر قالپىقى يۇقىرى تېمپېراتۇرادا پۇچۇلىنىپ كەتكەن .1- فېۋرال سائەت 8دىن 31مىنۇت ئۆتكەندە، ئوت ئاخىرى ئۆچۈرۈلدى، 850نەپەر ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى ئەزاسى ئوت كەتكەن مەيداندا ئۈچ كېچە-كۈندۈز جەڭ قىلىپ، ئوتنى ئۆچۈرگىچە ھالدىن كەتتى...... ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى جاپا تارتتىڭلار.
مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مۇخبىرى لى ۋىنجې
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى